ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ياخشى مەزگىلى، ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدىكى ھەممىلا جاي ئالدىراشچىلىق مەنزىرىسىگە تولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپخان بازىرى ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق + ئىلمىيلاشقان پەرۋىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا «پەن تېخنىكا قانىتى» قوشتى، شۇنداقلا بۇخەلچەم ئابدۇرازاقنىڭ «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇخەلچەم ئابدۇرازاق ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى ئاياغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئىلگىرى ئاياغچى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، پەرۋىشى تارقاق، كۆلەملەشمىگەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى چەكلىك ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش، مايسا تىكىش ماشىنىسىدا مايسا تىكىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئۈزلۈكسىز ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاياغچى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى زامانىۋى تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. «بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە كالا، توخۇ بېقىپ، باقمىچىلىقتا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.» دېدى بۇخەلچەم ئابدۇرازاق.
رىژىسسور لى خۇڭيەن
مۇخبىرلار خۇ جىڭشۇەن، لى جېچىڭ
كىرىشتۈرگۈچى ۋاڭ يىپىڭ
نازارەتچى شۆ جىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى