تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ 100 مىليارد دەرىجىلىك يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى بەرپا قىلىدۇ

مەملىكەت بويىچە زاپاس مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى باشلاندى

شىنجاڭ 100 مىليارد دەرىجىلىك يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى بەرپا قىلىدۇ

□نۇر گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇي، شاڭ جيې، جاۋ مىڭخاۋ

مەملىكەت بويىچە زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان قوغۇشۇن، سىنك كېنى − شىنجاڭ خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان تەرەققىيات مەزگىلى ئارقىلىق، شىنجاڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كەسىپ بازىسى قۇرۇپ، 100 مىليارد دەرىجىلىك يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىدۇ.

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان، مېتاللۇرگىيە، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش، تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇش، ئېگىزلىكتىكى توڭ تۇپراقتا قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەردىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس، ئاكادېمىكلار خوتەنگە جەم بولۇپ، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى «ئاغرىق نۇقتا»، «قىيىن نۇقتا» مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

كوئېنلۇن تېغىدا دۇنياۋى دەرىجىلىك «خەزىنە» بايقالدى

خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى شىنجاڭ گېئولوگىيە كان ساھەسىدىكىلەر مىڭبىر جاپا ـ مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، كوئېنلۇن تېغىدىكى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا ياراتقان كان ئىزدەش مۆجىزىسى.

2008 ـ يىلىدىن 2011 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 8 ـ گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ «خەزىنە»نى بايقاپ، شىنجاڭ «358» كان ئىزدەش تۈرىدە مۇھىم، زور كان ئىزدەش نەتىجىسىنى ياراتتى. ئارقىدىن، شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش فوندى ۋە شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەبلەغ چىقىرىپ، ئالدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەم چارلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

2016 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى خوشاۋيۈن ئەتراپىدا، بايلىق زاپاس مىقدارى 19 مىليون توننىغا يېقىن بولغان دۇنياۋى دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھەم نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق زاپاس مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان قوغۇشۇن، سىنك كېنى ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرقى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كان ياتمىسىدىكى سىنك بىلەن قوغۇشۇننىڭ مېتال مىقدارى 18 مىليون 808 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كان ياتمىسى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك كان ياتمىسى ئىكەن.

شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى لى فېڭمىڭ مۇنداق دېدى: خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە 7 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بايقىلىشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوغۇشۇن، سىنك بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنى بىراقلا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوغۇشۇن، سىنك بايلىقى چوڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندۇردى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ شۇ كۈندىكى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى غەربىي كوئېنلۇن تېتىس قوغۇشۇن، سىنك كان ھاسىل بولۇش بەلبېغىغا جايلاشقان، قوغۇشۇن، سىنك كان ھاسىل بولۇش گېئولوگىيەلىك شارائىتى ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ھازىرقى سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كان بەلبېغىنىڭ كەلگۈسى بايلىق مىقدارى 80 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى تەكشۈرۈش ـ ئېچىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئېچىش قۇرۇلۇشىدا يەنىلا نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ

زاپاس مىقدارى كۆپ بولۇشتىن سىرت، ياخشى بازار ئىستىقبالىمۇ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ رۇنساڭ ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاككۇمۇلياتور كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قوغۇشۇن، سىنك ئىستېمال مىقدارى تېز ئاشتى، نۆۋەتتە رەڭلىك مېتاللار ئىچىدە مىس ۋە ئاليۇمىندىن قالسىلا 2 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، كەلگۈسى 15 يىلدا، قوغۇشۇن، سىنك ئىستېمال مىقدارىنىڭ 100 مىليون توننىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، ئۆتكەن 70 يىللىق ئىستېمال يىغىندىسىغا يېقىنلىشىدۇ، بۇ، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى كەڭ بازار بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بازارنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاشكارا ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش بويىچە خېرىدار چاقىرىشتا، دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز شىركەت شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنكۇاڭ گۇرۇھى» دېيىلدى) 25 مىليارد يۈەن باھا قويۇپ ئۇتۇپ چىقىپ، مەملىكەت بويىچە كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى كىمارتۇق قىلىپ سېتىشتا ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېزىلما بايلىقنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ئاسان ئەمەس. خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كان رايونى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5600 مېتىر كېلىدۇ، تىپىك بولغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونغا تەۋە، يىل بويى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن، توڭ تۇپراق قاتلىمىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كان رايونىدا مۇزلۇقلار زىچ تارقالغان بولۇپ، سۇ مەنبەسىنى ئاساسلىق تولۇقلايدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ، مۇھىت قوغداشقا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى.

شىنكۇاڭ گۇرۇھى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، چارلاپ تەكشۈرۈش ھەم قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، كۆپ مىقداردىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە «ئۈستى ئوچۇق قېزىش + ئۇزۇن ئارىلىقتىن كان بوتقىسىنى تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇش + ئوت ۋە نەمدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلەشمە تاۋلاش»تىن ئىبارەت قېزىش قۇرۇلۇش لايىھەسى قوللىنىشنى بېكىتىپ، ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر تۇرۇبا يولى ياساپ، يىرىك رۇدىنى ئېزىپ كان بوتقىسىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، تۇرۇبا ئارقىلىق تاغدىن بىۋاسىتە مېتاللۇرگىيە زاۋۇتىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاپ، توشۇش تەننەرخى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭ ئۈچۈن يەنە 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ توپى كۆپەيتىلىدۇ

شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا زور ئۈمىد باغلاپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر ئاساسىدا، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىغا تايىنىپ، يەنە 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى بويىچە ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقتى: بىر يىلدا قېزىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىككى يىلدا چارلاپ تەكشۈرۈشنى تاماملاش، ئۈچ يىلدا كان ۋە مېتاللۇرگىيە زاۋۇتىنى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بەش يىلدا تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 15 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

شىنكۇاڭ گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۈن بىن ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنكۇاڭ گۇرۇھى تىرىشىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، قوغۇشۇن، سىنك مېتاللىرىنى قېزىش، تاللاش، تاۋلاشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كانچىلىققا مەبلەغ سېلىش، گېئولوگىيە مۇلازىمىتى، قۇرۇلۇش، سودا ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى زامانىۋى يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كەسىپ بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. بۇ تۈر تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن قوغۇشۇن، سىنك يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەسىپلەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليارد يۈەن، يىللىق پايدا ـ بېجى 10 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، 5300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىدىن ئۈمىدكە تولدى. جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە بولۇپ، سانائەتلىشىش دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا زور مەبلەغ، زور تۈرلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى ئېچىش، قۇرۇش خوتەننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(«نۇر گېزىتى»نىڭ 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.