تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا قۇم ـ بورانلىق كۈن سانى %70كە يېقىن ئازايدى

ئالدىنقى 30 يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1991 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە

شىنجاڭدا قۇم ـ بورانلىق كۈن سانى %70كە يېقىن ئازايدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1961 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ھەم يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم ـ بورانلىق كۈن سانى كۆرۈنەرلىك ئازىيىشقا يۈزلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1991 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان قۇم ـ بورانلىق كۈن سانى 1961 ـ يىلىدىن 1990 ـ يىلىغىچە بولغان قۇم ـ بورانلىق كۈن سانىغا سېلىشتۇرغاندا %69.4 ئازايغان.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى (كىلىمات بايلىقى) باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ھەم يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم ـ بورانلىق كۈن سانىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك بولدى، 1990 ـ يىلىدىن ئىلگىرى سىجىل كۆپرەك كۆرۈلدى، كېيىن نىسپىي ئازراق كۆرۈلۈش باسقۇچىغا كىردى؛ 1991 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى 1961 ـ يىلىدىن 1990 ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %45.2 ۋە %69.4 ئازايدى.

پەسىل ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا قۇم ـ بوران ئاساسلىقى ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە كۆرۈلىدۇ، بۇ، پۈتۈن يىللىق قۇم ـ بورانلىق كۈن سانىنىڭ %90.9ىنى ئىگىلەيدۇ. 1961 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان يىللاردا تۆت پەسىلدە قۇم ـ بورانلىق كۈن سانىدا بىردەك ئازىيىشقا قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئەتىياز، ياز پەسلىدە ئازىيىش دەرىجىسى نىسبەتەن زور بولدى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇملاشقان يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، قۇم ـ بوران زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى قۇم ـ بوران ئاسان كۆرۈلىدىغان جايلارنىڭ بىرى. بوران ۋە قۇم مەنبەسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايىنى ھاسىل قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شارائىتى ۋە ماددىي شارائىت ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ خۇي تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بىرقەدەر مۇرەككەپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي ئامىلمۇ، سۈنئىي ئامىلمۇ بار. شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىچە قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ۋە قۇم ـ بورانلىق كۈن سانىنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئامىلىدىن ئىبارەت. يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىشقا قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ۋە بوراننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇنىڭ بىلەن قۇم ـ توزانلىق ھاۋارايىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شارائىتى ئاجىزلىدى.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1961 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى ۋە بورانلىق كۈن سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ئازايغان، 1990 ـ يىلىدىن كېيىنكى ئوتتۇرىچە بورانلىق كۈن سانى 1990 ـ يىلىدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %45.6 ئازايغان.

«چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قۇم ـ بوراننى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ گاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: 20 ـ ئەسىرنىڭ 70 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىز «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شىنجاڭ بىر قاتار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ يولغا قويدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىي 64 مىليون 809 مىڭ 800 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزىدى. قۇملاشقان يەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى «12 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى %18.32تىن «13 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى %20.22كە كۆپىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

6 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ قۇملاشقان يەر كۆلىمى 2014 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 364 مىڭ 500 مو ئازىيىپ، «قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش»كىچە بولغان «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇملاشقان يەر كېڭەيگەن بىردىنبىر ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايون بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.

«چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ قۇم ـ بوران قېتىم سانىنى ئازايتىشقا قوشقان تۆھپىسى ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىشقا ئەرزىيدۇ.» ۋاڭ گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورمانچىلىق ـ ئوتلاق تارماقلىرى قۇم ـ بوران ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ ھەم نۇقتىلىق رايونلاردا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇپ، ئاساسلىقى قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلەپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ، سۇ ـ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەم چۆللىشىش دەرىجىسىنى يېنىكلىتىپ، رايونلارنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، سۇ ـ تۇپراقنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قۇم ـ بوراننىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.