تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

قومۇل شەھىرى:

«بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شىمالىدىكى قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى رايونىدا، گاز ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان قاتار ـ قاتار سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرى ۋە رەتمۇرەت مال ئامبارلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى؛ تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت بازىسى قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، سېمونت يەتكۈزۈش پومپا ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ 8.8 كىلومېتىر كېلىدىغان يۈك تىرانسپورت تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، مەيدان ـ ۋوگزال ئۆيلىرى جىددىي سېلىنىۋاتاتتى.

«بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ ھەم سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلىدۇ.» شىنجاڭ قومۇل شىنخېڭشۇن قاتناش ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروت تىجارەت شىركىتىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى ۋاڭ جىجېن مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى مەركىزىنىڭ پىلانلانغان يەر ئىشلىتىش كۆلىمى 9225 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 68 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈچ قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىي رايونى ۋە قومۇل ۋوگزالى تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ، تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى باغچە رايونى بەرپا قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قومۇل شەھەرلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بەي جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قومۇل شەھىرى يىپەك يولى سودا ئەشيا ئوبوروتىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ تۈگۈن، غەربىي شىمال رايونىدىكى مال يىغىش ـ تارقىتىشنىڭ ئاساسلىق ئايرىش ـ تارقىتىش تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو ـ رۇسىيە ـ موڭغۇلىيە ئىقتىساد كارىدورى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم ماددىي ئەشيا يىغىش ـ تارقىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى لوياڭ شۇاڭرۇي شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتى چەكلىك شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خەن تاۋ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تاشيول قاتناش تورىغا تايىنىپ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قانىتىىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سېتىلىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ سېتىش مەھسۇلات قىممىتىمىز يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 ئاشتى».

نۆۋەتتە، بۇ شىركەت قومۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، قانات ئىشلەپچىقىرىشتا يەككە ـ بىرىكمە تاختا، توردا قۇيۇش، توردا تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش، توردا كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يىلىغا 620 يۈرۈش چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قانىتىنى ئىشلەپچىقاردى.

«شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى قومۇل شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.» قومۇل تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2022 ـ يىلى، قومۇل شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.