تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1 ـ يىغىنى 1 ـ ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 61 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تاۋار سودا بازىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ بېقىۋېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش قوشۇمچە بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2022 ـ يىللىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت ـ دىن ـ تاشقى ئىشلار ـ خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.