تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟» بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقى توغرىسىدا، بۇ بىرقانچە خاتا قاراشقا ھەرگىز ئىشەنمەڭ (1)

  ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا موھتاج. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېشىدا كىچىكلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، بالىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ كۆپىيىشى بارغانسېرى نۇرغۇن ئائىلە باشلىقىنى ئەندىشىگە سالدى. يىراقنى كۆرەلمەسلىككە قارىتا، ئائىلە باشلىقلىرى بەزىدە جىددىيلىشىدۇ، كۆپ ئاماللارنى قوللانسىمۇ، لېكىن يەنىلا نەتىجىسى بولمايدۇ. بۇ بىرقانچە خاتا قاراشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك!

بىرىنچى خاتا قاراش: بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ

  نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، كۆزىنى كۆپ ئىشلەتكەچكە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈچ ياشتىن كېيىن، بالىلار كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تونۇشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۆلچەشكە ماسلاشسا دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، ھەر ئۈچ ئايدىن يېرىم يىلغىچە بىر قېتىم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ، مەكتەپ ياكى ئائىلە باشلىقلىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ، تامغا ئېسىپ قويۇپ، بەش مېتىر يىراقلىقتا بالىغا تونۇتسا بولىدۇ.

  ئادەتتە تۇرمۇشتا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ تېلېۋىزور ۋە كىتابنى كۆزىنى ئالغاي قىلىپ، بېشىنى قىيسايتىپ، كۆزىنى قىسىپ، كۆزىنى ئۇۋۇلاپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى ياكى يېقىن ئارىلىقتا كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايقىسا، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك، بەلكىم بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئائىلە باشلىقلىرى بالىنى ۋاقتىدا مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، بالىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش يېتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ياشتىن كېيىن بولماسلىقى كېرەك، بۇ، كۆز كېسەللىكلىرى، نۇر سۇندۇرۇش نورمالسىزلىق، مەسىلەن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، يۇقىرى دەرىجىدە يېقىننى كۆرەلمەسلىك، ئالغاي، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنى بالدۇرراق بايقاپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ «خەتەرلىك ئېلېمېنتلىرى»نى تاللاپ چىقىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، بالدۇر داۋالاشقا پايدىلىق.

ئىككىنچى خاتا قاراش: گىرادۇسى يۇقىرى بولماسلىق = ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك

  نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى ئاڭلىغاندا دائىم: «ساختىمۇ ياكى ھەقىقىيمۇ؟» دەپ سورايدۇ. نۇرغۇن كىشى بالا كىچىك، گىرادۇس تۆۋەن بولسا، ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولىدۇ، بۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولسا يېقىن ئارىلىقتا كۆزنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىپ، كۆزنىڭ كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىكىنى تەڭشەشتىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەم ئېلىش ئارقىلىق ياكى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى پالەچلىگۈچى دورىنى كۆزگە تېمىتقاندىن كېيىن، كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماللىشىدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى دوختۇرخانىدا تەكشۈرگەندە، كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرگەن بولىدۇ، ئەگەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، بۇ ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولمايدۇ، بالىنىڭ يېشى كىچىك، گىرادۇس تۆۋەن بولسىمۇ، بۇ جىددىيلىكنى تەڭشەيدىغان ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولمايدۇ.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، كۆپ قىسىم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بالىغا نىسبەتەن، تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدىغان تېز سۈرئەتتە كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تاللاش يېتەرلىك.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: كۆزئەينەكنى يېقىننى كۆرەلمىگەندە تاقاش، يىراقنى كۆرەلمىگەندە تاقىماسلىق كېرەك 

  نورمال كۆز بىلەن ۋە كۆزئەينەك تاقىغان (گىرادۇسى مۇۋاپىق بولغان) يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز بىلەن يېقىننى كۆرگەندە كۆزنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، تەڭشەش ئارقىلىق كۆزنىڭ فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىپ، نۇرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى يىراقتىن بىز كۆرگەن يېقىن ئارىلىقتىكى جىسىمغا يۆتكەپ بېرىدۇ، ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز كۆزئەينەك تاقىمىغان ئەھۋالدا، كۆزنىڭ فوكۇس ئارىلىقى يېقىن جايدا بولىدۇ، كۆز كۈچىمىسىمۇ تەڭشىمەيلا ئېنىق كۆرەلەيدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت كۈچىمىسە كۆزنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەم كۆزنىڭ ئىچكى يىغىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، يېقىننى كۆرگەندە ئىككى كۆز ئىچىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىچ ئالىغاي قارايدۇ، مانا بۇ ئىچكى يىغىلىش ئىقتىدارىدۇر. دوختۇر ئالاھىدە تاپىلىغان ئەھۋالدا كۆزئەينەك تاقىمىغاندىن سىرت، باشقا ۋاقىتتا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بالىلارغا مەيلى يىراققا قارىسۇن، مەيلى يېقىنغا قارىسۇن، ھەممىسىدە كۆزئەينەك تاقاش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «پايتەخت مائارىپى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(داۋامى بار)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.