تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا − جېڭجوۋ − چىڭداۋ بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى

  3- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 16دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭداۋ ئاۋىياتسىيەسى ئىجرا قىلىدىغان QW9824 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان كۇچا كۈسەن ئايرودۇرۇمىدىن ئوڭۇشلۇق ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، بۇ «كۇچا − جېڭجوۋ − چىڭداۋ» بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبىدە ئايروبۇس A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى QW9823/4 بولۇپ، بارىدىغاندا چىڭداۋدىن سائەت 07:00دە ئۇچۇپ، 08:45تە جېڭجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن، جېڭجوۋدىن 09:45تە ئۇچۇپ، 15:05تە كۇچاغا يېتىپ بارىدىكەن؛ قايتىدىغاندا كۇچادىن 16:25تە ئۇچۇپ، 20:55تە جېڭجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن، جېڭجوۋدىن 21:55تە ئۇچۇپ، 23:35تە چىڭداۋغا يېتىپ بارىدىكەن.

  يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچ جايدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەر ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۈچ جاينىڭ سودا ساياھىتىنى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان قولايلىق «بوشلۇق كۆۋرۈكى» قۇردى.

 (كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى: دەي شۇلى، ۋاڭ جياچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.