تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىككى كىچىك دوست قاڭقىما كارىۋات ئوينىغاندا، ئون ياشلىق بالا ئۈچ ياشلىق بالىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتسە، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ،  ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ جيەنيۈن، لى خۇەنخۇەن

  بالىلارنى ئاپىرىپ قاڭقىما كارىۋات ئوينىتىش ئەسلىدە بىر كۆڭۈللۈك ئىش، لېكىن مۇداپىئە جايىدا بولمىغانلىق سەۋەبىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبەرسە كۆڭۈل غەش بولىدۇ. يېقىندا دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق بىر دېلونى قوبۇل قىلىپ قاراپ چىقتى.

  2022- يىلى 4- ئايدا، دەۋاگەر لى ×  ئۈچ ياشلىق بالىسى شياۋلىنى ئېلىپ جاۋابكار ۋاڭ × تىجارەت قىلىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا كېلىپ ئويناتقان. قاڭقىما كارىۋات ئويناۋاتقاندا، ئون ياشلىق شياۋجاڭ ئۈچ ياشلىق شياۋلىنى ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن، شياۋلىنىڭ پۇتى يارىلانغان.

  تۆلەم مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، لى × شياۋجاڭنىڭ دادىسى جاڭ ×، تىجارەتچى ۋاڭ × ئۈستىدىن دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئىككى جاۋابكاردىن داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، قاراش ھەققى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ، ئىككى بالا قاڭقىما كارىۋات ئويناۋاتقاندا، شياۋلى ئېگىزدىن چۈشۈش جەريانىدا، شياۋجاڭنىڭ ئارقىسىدىن ئىتتىرگەنىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، بەدىنى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش سەۋەبىدىن يارىلانغانلىقىنى، شياۋجاڭدا خاتالىق بارلىقىنى ئېنىقلىغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1165- ماددىسىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت ئىگىلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودا شياۋ جاڭ قۇرامىغا يەتمىگەن، ئۇنىڭ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە قارىتا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەسىيسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ۋاڭ × كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ تىجارەتچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇن بويىچە مۇناسىپ بىخەتەرلىك كاپالىتى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قاڭقىما كارىۋات ھەرىكىتىنىڭ بەلگىلىك خەۋپ- خەتىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەيلىگاھتا نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ياش پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا قاڭقىما كارىۋات ئوينىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغان، شۇنداقلا قاڭقىما كارىۋات ئۈستىدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان سوقۇلۇشقا قارىتا خەتەر ئەسكەرتىشى بەرمىگەن. شۇڭا ۋاڭ × زىيانلىق ئاقىۋەتكە قارىتا مۇناسىپ تولۇقلىما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، لى × شياۋلىنىڭ ۋەسىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاڭقىما كارىۋات خەتىرىنى توغرا تونۇپ يەتمەي، زەخىملىنىشنىڭ يۈزبېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ۋەسىيلىك جايىدا بولماسلىق زىيىنىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئاخىرىدا، ئۈچ تەرەپ جاڭ × بىلەن ۋاڭ × دەۋاگەرنىڭ 14 مىڭ يۈەن زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش توغرىسىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

  سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

  ئاتا- ئانىلار، چوڭلار بالىلىرىنى ئويناتقىلى ئېلىپ بارغاندا، چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى تاللىشى، ئويۇن تۈرلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى كۆزىتىشى، ئويۇن ئويناشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەستايىدىل ئوقۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ ئىزچىل كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك بىخەستەلىك قىلىپ، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئەپسۇسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك.

  كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بالىلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ بىرى، تىجارەتچىلەر كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چاپلاپ، بىخەتەرلىكتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىدا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرنى ئاتا- ئانىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەم بۇ يەرگە قاراشقا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، كۆزىتىشتە كۆرۈنمەيدىغان نۇقتا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.