تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا - جېڭجوۋ - چىڭداۋ بېرىپ - كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى

  3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 16دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭداۋ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان QW9824 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۇچا چيۇسى ئايرودۇرۇمىدىن ئوڭۇشلۇق ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، بۇ «كۇچا ـ جېڭجوۋ ـ چىڭداۋ» بېرىش ـ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچىدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى QW9823/4نىڭ كېلىش  ۋاقتى: سائەت 07:00دە چىڭداۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 08:45تە جېڭجوۋغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 09:45تە جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:05تە كۇچاغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش ۋاقتى:  سائەت 16:25تە كۇچادىن ئۇچۇپ، سائەت 20:55تە جېڭجوۋغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21:55تە جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت23:35تە چىڭداۋغا يېتىپ بارىدۇ.

  يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچ جايدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەر ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئىككى جاينىڭ سودا ساياھىتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىغا قولايلىق «بوشلۇق كۆۋرۈكى» ھازىرلاپ بەردى.

  ھازىرغىچە كۇچا چيۇسى ئايرودۇرۇمىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئاساسلىقى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق سەككىز ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ، شىئەن، چېڭدۇ، گۇاڭجوۋ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە قاتنايدۇ. كۇچا ئايرودۇرۇمى «خەلق ئاۋىياتسىيەسى خەلق ئۈچۈن»دېگەن ئىدىيەدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىغا قاتنايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل سەپەر ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى قاتناش» ئاۋىياتسىيە ئىستېرېئولۇق تورىنى كېڭەيتىپ، كۇچا ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، كۇچانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دەي شۇلى، ۋاڭ جياچى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.