3-ئاينىڭ 25-كۈنى، «ئوت يۇرتىدا ناغرا ساداسى. ئالتۇن سۇناي» شىنجاڭ بويىچە 2-نۆۋەتلىك ناغرا-سۇناي مۇزىكىسى مۇسابىقىسى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىن كەلگەن 17 خەلق مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپكە بىنائەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئۆزگىچە ئۈن-سىن زىياپىتى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ناغرا-سۇناي مۇزىكىسى مۇسابىقىسىدە ئاساسلىقى ئورۇنلاش مەزمۇنى، سۇناي چېلىش ماھارىتى، ھەرىكەت ئۆلچىمى، ناغرا چېلىش، كىيىم- كېچەك، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللىك قاتارلىق يەتتە ئۆلچەم بويىچە نومۇر قويۇلغان بولۇپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىدىن تۆتى تاللاپ چىقىلغان. باھالاش ئارقىلىق تۇرپان شەھىرى شادىيانە مۇزىكا ئەترىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇسابىقىگە قاتناشقان ناغرا-سۇناي ئەترىتى مۇزىكا ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پاڭ شۈ فوتوسى