تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بەش كەنتتىكى 10 يىللىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان ئىزىنى بويلاپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە نەزەر

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ دۇڭخۇي، يەن گوجېڭ، سۈن لياڭچۈەن، لى زىۋېي

باھاردا ھاۋا ئىللىپ، جاھان گۈزەل تۈسكە كىردى، بارلىق شەيئىلەر ئويغاندى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى سەنشىدە جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە ئۈچ قېتىم كېلىپ، نۇرغۇن كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ، يەنە بىر قېتىم تەيخاڭشەن تېغىغا چىقىپ، لۈلياڭدا زىيارەتتە بولدۇق، باش شۇجى بارغان بەش كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇرتداشلارنىڭ بۇ 10 يىللىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق.

بىر مەسئۇلىيەت: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئاممىنى بارغانسېرى ئۈمىدكە ئىگە قىلىش»

چۈشكە يېقىن، لۈلياڭ تاغلىق رايونى ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ فېنشى ناھىيەسى سېڭنيەن بازىرى دۇەنسۈن كەنتىدىكى يوللار تۈپتۈز، رەتلىك بولۇپ، يېڭىدىن ياسالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. سەي ۋېنمىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ قوي پادىسىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىۋاتاتتى، 120 تۇياقتىن ئارتۇق تىۋىتلىق ئۆچكە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ «گۆھىرى» ئىدى. «يازدا يۇڭ سېتىپ، قىشتا گۆش سېتىپ، بىر يىلدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن.» ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، لاۋسەي خۇشاللىقىدىن توختىماي سۆزلەپ كەتتى.

بىر يىل ئىلگىرىكى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار - شىۋىرغانلىق قاتتىق سوغۇققا قارىماي دۇەنسۈن كەنتىگە كەلدى، سەي ۋېنمىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، كىرىمىنى سوراپ، پايدىسىنى ھېسابلاپ كۆردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئاممىنى بارغانسېرى ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك.

سەنشى كونا ئىنقىلابىي رايون، شۇنداقلا ئىلگىرىكى نامرات رايون. كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئىدى.

ھەر ۋاقىت ئاممىنى قەلبكە پۈككەندە، جەزمەن ئۈنۈمى بولىدۇ. ئېغىر نامراتلىققا ھۇجۇم قىلىشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكىچە، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سەنشىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

شىنجوۋ شەھىرى كېلەن ناھىيەسىدىكى ليۇ فۇيوۋنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر. ھازىر ناھىيە بازىرىدىكى بىنادا ئولتۇرىدىغان ليۇ فۇيوۋ يېڭى ئۆيىنى پاك - پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇۋالغان بولۇپ، بىزنى مېۋە - چېۋە يېيىشكە تەكلىپ قىلغاچ سۆزىنى باشلىدى. «ھازىر خىزمىتىم، كىرىمىم بار، تۇرمۇشۇم ناھايىتى باياشات» دېدى ئۇ.

10 يىل ئىلگىرى ليۇ فۇيوۋنىڭ تۇرمۇشى ئانچە «باياشات» ئەمەس ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ جاۋجياۋا كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلە بولۇپ، قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا رايى بارمايتتى. جاۋجياۋا جايلاشقان لۈلياڭشەن تېغى تەۋەلىك رايونىدا ئېغىر نامراتلىق بىلەن ئاجىز ئېكولوگىيە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى ئىدى.

قانداق قىلغاندا بۇ ئەڭ ئېغىر نامراتلىق، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى يەڭگىلى بولىدۇ؟ 2017 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋجياۋا كەنتىگە كېلىپ، ئېغىر نامرات ئاممىنى يوقلاپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلدى.

ليۇ فۇيوۋنىڭ باش شۇجى بىلەن ئۆز ئۆيىدىكى كاڭنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندىكى كۆرۈنۈش ئېنىق ئېسىدە ئىدى: «ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى قىيىنچىلىقى ۋە تەلىپىنى، كادىرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ۋە پىلانىنى سورىدى».

نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەييۈەندە ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، ئېغىر نامراتلىقتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

باشقا جايدا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى قۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلە دوختۇرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش... تۈرلۈك كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلار، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئېغىر نامرات رايونلارغا ئارقا - ئارقىدىن مايىللاشتى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ليۇ فۇيوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاۋجياۋا كەنتىدە ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان كەنت ئاھالىلىرى «سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا» ناھىيە بازىرىدىكى گۇاڭخۇييۈەن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ، «ئويلاپمۇ باقمىغان» يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مۇقىملاشتۇرغىلى بولامدۇ - يوق، قانداق قىلغاندا كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدۇ؟ 2020 - يىلى 5 - ئايدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە يەنە بىر قېتىم كەلدى. داتۇڭدا باش شۇجى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇخارگۈلىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ سىجىل كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىش» «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» «مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» كېرەك... ئىلمىي، دەل جايىدا بولغان چارىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنتلەرگە تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«باش شۇجىنىڭ سۆزى مېنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى»، جۇخارگۈلى ئۆستۈرۈش بازىسىدا باش شۇجى بىلەن پاراڭلاشقان ياڭ چى مۇنداق دېدى: جۇخارگۈلى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن. بۇ جۇخارگۈل ۋاسىتىچىسى، جۇخارگۈلى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى يەنە جۇخارگۈلى پىششىقلاش كەسپى شىركىتىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلاندى. «كارخانىمىز ئەتراپتىكى 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇردۇق» دېدى ئۇ.

مىڭ يىللىق نامراتلىقنى يېڭىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق. قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش يەنە باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

دۇەنسۈن كەنتى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تېمىدا «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش جەڭ خەرىتىسى» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، كۆزىتىپ - ئۆلچەپ پەرقلەندۈرۈش ۋاقتى، خەۋپ - خەتەرنى تۈرگە ئايرىش، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشكە مەسئۇل كىشى، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرى قاتارلىقلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.

بۇ جەڭ خەرىتىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇنىڭغا دوكلات قىلغان دۇەنسۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جيالى مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلە، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ تىزىملىكىدىكى 16 ئائىلىدىن بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىرىلا قالدى. تۇيۇقسىز قوزغالغان يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغى سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغان بۇ يىگىت، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى، مېيىپلەر پەرۋىش ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا غەم - ئەندىشىسى يوق.

زىممىمىزگە بۇرچ يۈكلەندى، مەسئۇلىيىتىمىز تاغدەك ئېغىر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقىچە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى باشتىن - ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ كەلدى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە قارىتا، كىشىلەر ئىشەنچكە تولدى، ئۈمىدكە تولدى.

بىر يول: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»

شىمالىي سەنشىدە باھار يېتىپ كېلىپ، يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىدى. يەنمېنگۈەننىڭ سىرتىدا، داتۇڭ يانار تاغ توپى ئېتىكىگە جايلاشقان تاڭجياباۋ كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەر يېشىللىققا پۈركىنىپ، سۆگەتتىن بۇرۇن يېشىل تۈسكە كىرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ئاستا - ئاستا بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.

بۇ خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شۇ جايدىكى ئەجدادلار تېرىپ كەلگەن قوناق ۋە قارا ئاشلىققا ئوخشىمايتتى. ئاشۇ زىرائەتلەر بىلەن پۇقرالار «جان بېقىپ كەلگەنىدى»، ئەمما بۇ ئۆسۈملۈك شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. بۇ كىچىككىنە جۇخارگۈلى خەلقنى بېيىتىدىغان چوڭ كەسىپنى بارلىققا كەلتۈردى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزىلاردىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»، «<يەرلىك خاس مەھسۇلات> ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش»، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى كۆپ قېتىم ماختىدى، داتۇڭنىڭ كىچىككىنە جۇخارگۈلى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونىغا كېلىپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئېتىزغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ جۇخارگۈلى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلارغا: چوقۇم جۇخارگۈلىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىدىكى ياخشى يولغا ئايلاندۇرۇڭلار، ئاممىنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندۇرۇڭلار، دەپ تاپىلىدى.

باش شۇجى كۆرگەن بۇ ئورگانىك جۇخارگۈلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىنى ياڭچىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىپ باشقۇرغانىدى. ياڭ چى مۇنداق دېدى: بىر نەچچە قېتىملىق «يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئارقىلىق، جۇخارگۈلى تېرىقچىلىقى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق شەكلىدىن بىرتۇتاش ئوتاپ ۋە توپىسىنى يۇمشىتىپ ئوت - چۆپ يوقىتىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك - زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئورگانىك ئوغۇت بېرىشتىن ئىبارەت زامانىۋىلاشقان «ئۈچنى بىرتۇتاش قىلىش، بىرنى كۆپەيتىش» تېرىقچىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئايلاندى.

يۈنجوۋ رايونى تاڭجياباۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەن چۇنشيا باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا جۇخارگۈلى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 1100 موغا كېڭەيتىپ، ئۆزىنىڭ جۇخارگۈلى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تېرىقچىلىقتىن پىششىقلاش ۋە سېتىشقا كېڭەيتتى.

داتۇڭ شەھىرى جۇخارگۈلى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەن يىپىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى بىزگە زور ئىلھام بولدى.» شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما 265 مىڭ مو يەردە جۇخارگۈلى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، 170تىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ، بەش چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق جۇخارگۈلى مەھسۇلاتىنى ئېچىپ، جۇخارگۈلى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن 4 مىليارد يۈەنگە ئۆستۈردى. ئۈچ كەسىپنىڭ ھەمتۈرتكىسىدە، كىچىككىنە جۇخارگۈلىدىن ئىبارەت بۇ «گۈللەندۈرۈش گۈلى» بارغانسېرى كۆركەم ئېچىلدى.

شىمالدا جۇخارگۈلى بار، جەنۇبتا باھار بايرىمىلىق موما بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، سەنشى «خاس»، «ئەلا» يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، سەنشى تۇپرىقىدىكى «يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار» تەدرىجىي ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى.

بۇلتۇر باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى خوجوۋ شەھىرى شىجۇاڭ يېزىسى فېڭنەنيۈەن كەنتىگە كەلدى. كەنت ئاھالىسى شى خۇڭبىڭنىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى بىر پارچە خېمىرنى ئېلىپ چىلان چېچىكى شەكلىگە كەلتۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلانلارنى تىزدى. خۇشال كۈلكە ساداسى ئىچىدە، باھار بايرىمىلىق موما تەييار بولدى، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال كەيپىيات نامايان بولدى.

باش شۇجى ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان باھار بايرىمىلىق بۇ كىچىك موما خوجوۋدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئويغا سالدى: بازىرى ياخشى بولسىلا، باھار بايرىمى مەزگىلىدىلا سېلىنىدىغان باھار بايرىمىلىق مومىدىن ئىبارەت بۇ بايراملىق ئېسىل يېمەكلىكنى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بازار تاپقۇزغىلى بولىدۇ.

ئىلگىرى باش شۇجىغا كەنتنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان شىجۇاڭ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ رۇيخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، فېڭنەنيۈەن كەنتى بازار ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەنتتىكى بىكار ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆلچەملەشكەن باھار بايرىمىلىق موما پىششىقلاش كارخانىسىدىن بىرنى قۇردى. باھار بايرىمىلىق موما پىشۇرۇشتا «ئاتا - بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ھۈنەر»نى بىلىدىغان شى خۇڭبىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى. شى خۇڭبىڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى شى يالۇڭ ئۆزىنىڭ باھار بايرىمىلىق موما زاۋۇتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، كەنتكە قايتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەشنى پىلانلىدى.

باھار بايرىمىلىق موما خوجوۋلۇقلارنىڭ «ھەميېنىنى تومپايتىدىغان» بىر چوڭ كەسىپكە ئايلاندى. بۇلتۇر خوجوۋدا باھار بايرىمىلىق مومىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، شەھەر بويىچە باھار بايرىمىلىق موما ئىشلەپچىقىرىدىغان 108 ھۈنەرخانا يېزىلاردىكى كۆپلىگەن ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، موما ياسايدىغان ئاياللارنىڭ كىرىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.

بىر تال گۈلدىن بىر تال مومىغىچە، بىر توپ قويدىن بىر كوچىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان داتۇڭنىڭ يۈنجوۋ رايونى تاڭجياباۋ كەنتى، فاڭچېڭ يېڭى كەنتى، شىنجوۋنىڭ كېلەن ناھىيەسى سۇڭجياگوۋ يېڭى كەنتى، لىنفېننىڭ خوجوۋ شەھىرى فېڭنەنيۈەن كەنتى، فېنشى ناھىيەسى دۇەنسۈن كەنتى خاس كەسىپلەرگە تايىنىپ، خەلقنى بېيىتىپ، كەنتنى كۈچەيتىشتەك يېزا - كەنتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بارغانسېرى پۇختا ماڭدى، يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى.

بىر خىل ھېسسىيات: «بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش»

ئازادە، رەتلىك ھويلا، پۇختا، چىداملىق ئۆي، قارا يامغۇردىن كېيىن قايتا سېلىنغان يېڭى ئۆيدە شى خۇڭبىڭ ئىككى قېتىم باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا ئۇ يەنە قەلب ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان: يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇشتا پارتىيە يول باشلىدى، يەنە ئۇلۇغ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ خەلق تىنچ - ئامان بولدى، دېگەن دۈيليەننى چاپلىدى.

2021 - يىلى 10 - ئايدا، سەنشىدە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شى خۇڭبىڭنىڭ تۆت ئېغىز گەمە ئۆيىنىڭ ھەممىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتا سېلىنغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. بۇلتۇر باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فېڭنەنيۈەن كەنتىگە كېلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق ئاممىسىنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك».

شى خۇڭبىڭ بارماقلىرىنى ساناپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدا كەنتتە نۇرغۇن زامانىۋى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى كۆپەيدى. كەڭ، تەكشى ئاسفالت يوللار يېڭىدىن ياسىلىپ، كوچا چىراغلىرى رەتلىك ئورنىتىلدى، يۇندى تۇرۇبا تورى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئەنئەنىۋى ھاجەتخانىلار سۇلۇق ھاجەتخانىغا ئۆزگەردى، ھاۋا ئېنېرگىيەسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، «كەنتتە تۇرمۇش كەچۈرۈش بارغانسېرى راھەت بولۇۋاتىدۇ».

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە يېزىلارنىمۇ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، سەنشىدىكى كادىرلار ۋە ئامما يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل ئارزۇلارنى بىرمۇبىر رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

لۈلياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان كېلەن ناھىيەسىنىڭ سۇڭجياگوۋ يېڭى كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەن كەنت. كەنت بېشىدىكى سەنكېشۇ مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېگەنىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆپچىلىكنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايدۇ، يۇرتداشلار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەڭلار!

ليۇ لىنتاۋنىڭ ئۆيى مەيداننىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ چەكسىز ھاياجانلاندى. «تاشتىن قوپۇرۇلغان ئۆيدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان، سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان تەرەت تۇڭى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق، قىشتا يەنە پار بار، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.» ليۇ لىنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا ئۆيىمىزدە زامانىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىنى، يەنە توڭلاتقۇ، يان تېلېفون قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

«يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەڭلار!» بۇ سۆز سۇڭجياگوۋلۇقلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. بۇ بىرقانچە يىلدا، سۇڭجياگوۋ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەنتنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۈگۈنكى كۈندە يامغۇر سۈيى بىلەن يۇندىنى ئايرىش، لىنىيە سىملىرىنى يەر ئاستىغا كۆمۈش، 5G تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يىلدىن - يىلغا گۈزەللىشىۋاتقان سۇڭجياگوۋ كېلەن ناھىيەسىدىكى تۇنجى 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، مەيدانغا تۇتىشىدىغان، بىر مەزگىل كاتاڭلىشىپ كەتكەن كونا كوچا يولى سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان بېيىش يولىغا ئايلاندى.

كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» كەنت ئاھالىسى ۋاڭ خۇڭبىننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئويلانغاندىن كېيىن، كەنتكە قايتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى قارار قىلدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ۋاڭ خۇڭبىندىن باشقا يەنە سىرتتا ئىشلەۋاتقان بەش يىگىت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇڭجياگوۋغا قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى.

خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ چېكى يوق، خەلققە بەخت يارىتىش خىزمىتىنىڭمۇ چېكى يوق. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش» نىشانىنى كۆزلەپ، «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇش»، «يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇش دەرىجىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ راھەت بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ئۆز جايىدا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».

ئاخبارات خەۋىرىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، داتۇڭ شەھىرى يۈنجوۋ رايونى فاڭچېڭ يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەي گاۋشەن چوڭقۇر ھاياجانلاندى. ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020 - يىلى 5 - ئايدا ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، كىچىك نەۋرىسى تېخى قۇچاقتا ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە نەۋرىسى ئۈچ ياشقا كىردى، بەي گاۋشەن ئىلگىرى نەۋرىسىنى قەيەردىكى يەسلىگە بېرىش توغرىسىدا باش قاتۇرغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن باھار بايرىمىدىن بۇرۇن كەنتتىكى يەسلى پۈتۈپ، كىچىك نەۋرىسىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى ھەل بولدى.

«بۇلتۇر كەنتتە <ياشانغانلار، بالىلار> مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، يېڭىدىن سېلىنغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يەسلى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.» بەي گاۋشەن مۇنداق دېدى: يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەنتتىكى كەسىپلەر باغچىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، بۇ ياشلار كەنتكە قايتىپ تېخىمۇ خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان بولدى.

باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، لۈلياڭ يېشىللىققا پۈركەندى. دۇەنسۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەي ۋېنمىڭ ئۆيىدىكى مۇنچىخانىغا توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچ ئورناتماقچى بولدى، بۇنداق بولغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۇيۇنۇشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى سەي ۋېنمىڭنىڭ كاللىسىدا يەنە جاراڭلىدى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىردىنبىر تاللىشى خەلق ئاممىسىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، مۇلازىمەت قىلىش».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.