3-ئاينىڭ 25-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك «ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى. پائالىيەت ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى، ئۆرۈك چېچىكى ساھىبجاماللىرى · 12 چېچەك ساھىبجامالى دەسلەپكى مۇسابىقىسى ۋە ئوبراز كۆرىكى، «ئۆرۈك» يېزىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سوۋغاتلىقلىرى خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى، بەختكە تولغان چېچەك سەيلىسى خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى توپلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ باغ-ئورمان، تېرىلغۇ كۆلىمى 308 مىڭ 900 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەمەت ئۆرۈكى ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 174 مىڭ مو كېلىدۇ، «كىچىك ئۆرۈك، چوڭ كەسىپ»نى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، باغ-ئورمان كەسپىنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مۇخبىر لى خۇڭيەن، يىن تۇڭيۈەن
نازارەتچى شۆ جىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىندى