تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات يايلاق مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىشۆ

    3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ناخشا سادالىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۈرگېن يېزىسى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا ياڭرىدى، نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ شادىيانە ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ، 2023-يىللىق جۇڭگو . نارات يايلاق مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو . نارات يايلاق مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

    ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سەھنىدىكى ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇللاردىن كۆزىنى ئۈزمەي ھۇزۇرلاندى، سەھنە ئاستىدىن پات-پات ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى؛ سەھنە كەينىدە، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ياۋا ئۆرۈكلۈك پۈتكۈل تاغ باغرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئەڭ رومانتىك مەنزىرىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە رەڭدار باھارنى نامايان قىلدى.

    «بىر قىسىم ئۆرۈكلەر چېچەكلەپتۇ، بۇ يەردە تۇرۇپ پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش كىشىگە ناھايىتى گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ.» شاڭخەيدىن كەلگەن فوتوگراف جۇ جيەنخەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا يېرىم ئاي مەنزىرە سۈرىتى تارتىدىكەن.

    گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى ليۇ جېن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىغا بالدۇرلا كەلگەنىدى، «مەن ئات مىنىشقا ئامراق، بولۇپمۇ ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا ئات مىنگەن چاغدىكى تۇيغۇدىن شۇنچىلىك ھۇزۇلاندىم» دېدى ليۇ جېن.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو . نارات يايلاق مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس فوتوسى

    تۈرگېن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى سۇڭقار قاپار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالاقىدار تارماقلارنى تەۋەلىكتىكى يېمەك-ئىچمەك رايونى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق سورۇنلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

    «بىز مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز» دېدى كۈنەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم رېھىم ئەمرۇللا.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا يەنە نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكى، ئۆرۈك چېچىكى كۇەيشەن لاگېرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى، «خۇافۇ شىچۇن» كۆرگەزمە ئويۇنى، خاس تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلەر بار ئىكەن. ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى پائالىيىتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو . نارات يايلاق مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى، ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەر ئات مىنىپ ساياھەت قىلدى.

لى جىشۆ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.