3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇرگېن يېزىسىغا جايلاشقان نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى 30 مىڭ مو ئۆرۈكلۈك ھۈپپىدە چېچەكلەش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ھەر بىر ئۆرۈك چېچىكى تولىمۇ گۈزەل ئېچىلغانىدى. تاغ ئېتىكىدە، تۇرگېن يېزىسىنىڭ قارا ئۆي كەنتىدە «گۈل پەسلى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى»دىكى چارۋىچىلارمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى ئۆي ئاقارتتى، بەزىلىرى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلىدى، ھەممە ئائىلىلەر ھويلا-ئارانلىرىدا كىگىز ئۆيلەرنى قۇراشتۇردى، ئۇلار ئەڭ پاكىز ئۆيى، ئەڭ ئېسىل مەززىلىك تائاملىرى، ئەڭ سەمىمىي قەلبى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.
رېژىسسور\ئوپېراتور\تەرجىمان: بارشا تېگېس
ئىشلىگۈچى: يۈ لېي
نازارەتچىلەر: فېڭ يۇڭفاڭ، شۆ جىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى