تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

تولىدىكى بالىلار لياۋنىڭدىن كەلگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى

   يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، «ئىللىقلىق قۇرۇلۇشى . شىئەي ئىللىقلىق سوۋغات خالتىسى»نى تارقىتىش مۇراسىمى تولى ناھىيەسىنىڭ خاتۇ بازىرى جۇڭغار مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن شىنبىڭ قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋاكالىتەن تولى ناھىيەسى جۇڭغار مەكتىپىگە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «ئانار لوڭقىسى»نى ھەدىيە قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل چاغلارنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇشتىكى ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

168 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

باۋ ياجۈەن فوتوسى

    مۇراسىمدا، يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 168 ئوقۇغۇچىغا 61 مىڭ 320 يۈەن قىممىتىدىكى «بىر يۈەن فوندى» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسى تارقىتىلدى، ھەر بىر ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسىدا دالا كىيىمى، پاختىلىق ئاياغ، شارپا، سومكا، رەڭلىك قەلەم، رەسىملىك كىتاب قاتارلىق بۇيۇملار بار. بالىلارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ئوقۇغۇچى ئارۇجان چالقار مۇنداق دېدى: «لياۋنىڭدىكى تاغا-ھەدىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسىغا كۆپ رەھمەت، بىز بەك ياقتۇردۇق».

   تولى ناھىيەسى خاتۇ بازىرى جۇڭغار مەكتىپىنى 2020-يىلى 9-ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان بولۇپ، جەمئىي 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان. ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغات خالتىسى بالىلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەنلا تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ قالدى. جۇڭغار مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنلىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بالىلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە ۋە ئالىيجاناب پەزىلەت بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، بىز يەنە بۇ تۈردىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار دارقان داۋۇل، باۋ ياجۈەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.