تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ نىسبىتى %89.55كە ئۆرلىدى

   مائارىپ مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، 2022-يىلى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %89.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 289 مىڭ 200 يەسلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى 245 مىڭ 700 بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %84.96 بولغان. 

  مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سانى 46 مىليون 275 مىڭ 500گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەردە 41 مىليون 440 مىڭ 500 بالا بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلىدىكى بالىلارنىڭ %89.55ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.77 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 3 مىليون 244 مىڭ 200گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.67 ئاشقان؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.39كە يەتكەن؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى %90.30كە يەتتى. 

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى دەي چىنفۇ، خاۋ لياڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.