تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ نىسبىتى %89.55كە چىقتى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن (3- ئاينىڭ 23- كۈنى) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2022- يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، 2022- يىلى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %89.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 289 مىڭ 200 يەسلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى 245 مىڭ 700 بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %84.96 بولدى.

  مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالا 46 مىليون 275 مىڭ 500گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلىلەردە 41 مىليون 440 مىڭ 500 بالا بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ %89.55ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.77 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 3 مىليون 244 مىڭ 200گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.67 ئاشتى؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.39كە يەتتى؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئوتتۇرا تېخنىكوم، مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى %90.30كە يەتتى.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى دەي چىنفۇ، خاۋ لياڭ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.