تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توردا بېلەت سېتىۋېلىش، ئىشىك ئالدىدىلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش باي ناھىيەسى «زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى» يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، «زاكازلىق يولۇچى توشۇش»نى پائال ئالغا سىلجىتتى، ھازىر، «باي — ئاقسۇ»، «باي — كۇچا»، «باي — ئاۋات»، «باي — توقسۇ» قاتارلىق يەتتە «زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى» ئەمەلىيلەشتى، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن 18ى سەپلەندى، بۇ، باي ناھىيەسىدىكى ئەنئەنىۋى يولۇچى توشۇشنىڭ كۆپ خىللاشقان يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    «بەك قولايلىق ئىكەن، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى مېنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئېلىۋالدى، باي ناھىيەسىگە بارغاندىن كېيىن يەنە مېنى بارىدىغان ئولتۇراق رايونغا ئاپىرىپ قويدى، ئاپتوموبىلدا راھەت ئولتۇرۇپ تېز يېتىپ بارىدىكەنمىز، ‹زاكازلىق يولۇچى توشۇش› مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن». يېقىندا ئاقسۇدىن بايغا قايتقان يولۇچى لى ئەپەندى باي ناھىيەلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ يېڭى مۇلازىمىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

   ئىلگىرى، پۇقرالار شەھەر، ناھىيە ئارىلىقىدىكى بېرىپ-كېلىشتە شۇ جايدىكى ئاپتوموبىل بېكىتىگە بېرىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇراتتى، مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل بېكىتىدە چۈشۈپ قالاتتى. «زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى» ئېچىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلار يان تېلېفون ئارقىلىق «يولۇچى توشۇش سەپىرى» كىچىك پىروگراممىسىدا زاكاز چۈشۈرسىلا، توردا بېلەت سېتىۋالالايدۇ، ئىشىك ئالدىدىلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق بولغان بىر بېكەت شەكلىدىكى سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   «تاشيول يولۇچىلار تىرانسپورتى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى تىرانسپورت مىقدارى ئەڭ كۆپ، مۇلازىمەت دائىرىسى ئەڭ كەڭ تىرانسپورت شەكلى. ‹زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى› ئېچىلغاندىن كېيىن، نۆۋەتچى لىنىيەدە يولۇچى توشۇش مىقدارى مۇقىم ئاشتى، بۇ ئىسلاھات تەدبىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى باي ناھىيەلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى ۋاڭ دۇڭ.

   باي ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ چۈنيوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان يەتتە «زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى» پۈتۈن ناھىيەنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئەمەلىيەت، شۇنداقلا يولۇچى توشۇش بازىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان مۇھىم تەدبىر ئىكەن. ئەنئەنىۋى يولۇچى توشۇش لىنىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، «زاكازلىق يولۇچى توشۇش لىنىيەسى» يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 

(ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جېڭكۇن، جاڭ پېڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.