تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاراڭ، دۇنيا دەرىجىلىك مەنزىرە يولىدىكى شىنجاڭ

مۇنداق بىر يول بار

ئۇ دۆلەت چوڭ يولى دەپ ئاتىلىدۇ

شۇنداقلا دۇنيا دەرىجىلىك مەنزىرە چوڭ يولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئۇ دەل

دۆلەت يولى G219 - لىنىيەسى

  

  ماتېرىيال سۈرەت

  

سۈرەت مەنبەسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى

    3-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «دۆلەت چوڭ يولى» ـــ جۇڭگو G219 ئەڭ گۈزەل ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شياۋشابا مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ «جۇڭگو G219 ساياھەت كېڭەيتىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق باش تېمىلىق كېڭەيتىش پائالىيىتى.

    تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا، يۈننەن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بايلىقى ۋە لىنىيەلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەۋسىيە قىلدى.

بۇ يول

ھەيۋەتلىك، سىرلىق، گۈزەل بولۇپ

يۈننەن، گۇاڭشى، شىزاڭ، شىنجاڭنى

زىچ باغلاپ تۇرىدۇ

بىز بۇ يول بىلەن تونۇشۇپ باقايلى

  

  

  

  

G219    تۈمەن چاقىرىملىق چەكسىز مەنزىرە

  G219، شىمالدا شىنجاڭنىڭ قاناستىن باشلىنىپ، جەنۇبتا گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭغىچە بارىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن، يول بويىدىكى مەنزىرىسى ئەڭ مول، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەڭ قويۇق دۆلەت يولى بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 10 مىڭ 65 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ يېرىمغا يېقىن چېگرا لىنىيەسىنى ئايلىنىدىغان بۇ دۆلەت يولىدا جۇڭگونىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللىي مەدەنىيىتىدىن، دېڭىز يۈزىدىن 8000 مېتىر ئېگىز بەش تاغ چوققىسى، 16 مۇز تاغ، 44 مۇز دەريادىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ ... يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەر ئۈزۈلمەيدۇ، تەبىئىي مەنزىرىسى دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ يەردە گۈزەللىك بىلەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە، ئادىمىيەت بىلەن تارىخ تەڭ مەۋجۇت.

   G219 دىكى مەڭگۈلۈك ۋەدە

   G219 لىنىيەسىنى بويلاپ ماڭغاندا قارلىق تاغ، مۇزلۇق، ئېگىز تاغ، جىلغا، دەريا، كۆل، يايلاق، ئورمانلىقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دېڭىزغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئېگىز تاغلارنى ئايلىنىپ، توڭ تۇپراقتا ئەگرى-بۈگرى مېڭىپ، قار-مۇزلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش جەريانىدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلار، يول ئۈستىدىكى خەۋپ-خەتەرلەر، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس.

  

  

سۈرەت مەنبەسى: شىبۇيىنشياڭ

G219 سىزنى شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىدىن بەھرىمەن قىلدۇرىدۇ

G219 شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3216 كىلومېتىر كېلىدۇ

يول بويى قارلىق تاغ، ئوتلاق، سۇلۇق يەر

كۆل، مۇزلۇق، چۆللۈك، قۇملۇق، جىلغا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئۆزگىچە تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

 

G219 دۆلەت يولىنىڭ 0 كىلومېتىرلىق خاتىرە مەيدانى. ماتېرىيال سۈرەت

   G219 نىڭ شىنجاڭ بۆلىكى: قاناس مەنزىرە رايونى ـــ قابا ناھىيەسى ـــ جېمىنەي ناھىيەسى ـــ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ـــ چۆچەك شەھىرى ـــ چاغانتوقاي ناھىيەسى ـــ ئالاتاۋ شەھىرى ـــ بورتالا شەھىرى ـــ ئارىشاڭ ناھىيەسى ـــ قورغاس شەھىرى ـــ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ـــ ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ـــ ئونسۇ ناھىيەسى ـــ ئاقسۇ شەھىرى ـــ ئاقچى ناھىيەسى ـــ پەيزاۋات ناھىيەسى ـــ يوپۇرغا ناھىيەسى ـــ يېڭىسار ناھىيەسى ـــ يەكەن ناھىيەسى ـــ پوسكام ناھىيەسى ـــ قاغىلىق ناھىيەسى

  

ماتېرىيال سۈرەت

  G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان بىرىنچى لىنىيە: چېگرا قاراۋۇلخانىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش قىزىل ساياھىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى ـــ ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى ـــ بۇرچىن ناھىيەسى ـــ 185-تۇەن بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونى ـــ بۇرچىن ناھىيەسى ـــ جېمىنەي پورتى ـــ بايمۇزا مەنزىرە رايونى ـــ كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى، ئىنقىلابىي قۇربان سۈن لۇڭجېن خاتىرە سارىيى ـــ قايتىش سەپىرى

 

جاڭ جېنيۈەن فوتوسى

  

  ماتېرىيال سۈرەت

   G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئىككىنچى لىنىيە: جەنۇبىي شىنجاڭ قىزىل ساياھىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ كورلا شەھىرى ـــ مالەن قىزىل تاغ ھەربىي كۆرگەزمە باغچىسى ـــ تيېمېنگۇەن مەنزىرە رايونى ـــ داشى كەنتى ـــ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ـــ بۈگۈر غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت بازىرى ـــ كۇچا شەھىرى ـــ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي ـــ 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى ـــ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە مۇنارى ـــ قايتىش سەپىرى

  

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى لى فېي فوتوسى

  

  ماتېرىيال سۈرەت

    G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئۈچىنچى لىنىيە: شىمالىي شىنجاڭ ئۆرپ ـ ئادەت ساياھىتى

    ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ بورتالا شەھىرى ـــ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ـــ ئارىشاڭ ناھىيەسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ـــ شياڭزىسۇ بازىسى ـــ باتىيا شېڭجىڭ ئارىشىڭى ـــ بۆگدۆر تېغى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسى ـــ شىنجاڭ شىمالىي سەمەندەر مەدەنىيەت پەن ـ تېخنىكا باغچىسى ـــ قايتىش سەپىرى

 

  ياڭ لياڭچى فوتوسى

 

  ماتىرىيال سۈرەت

   G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان تۆتىنچى لىنىيە: ئىلى دەريا ۋادىسى رەڭدار ساياھىتى

  غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونى \ ليۇشىڭ كوچىسى مەنزىرە رايونى ـــ لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى ـــ شىبە قەدىمىي شەھىرى ـــ كۈرە قەدىمىي شەھىرى ـــ قورغاس شەھىرى ــــ يىپەك يولى نۇرى ساياھەت بازىرى ـــ موڭغۇلكۈرە يايلىقى ـــ زىيالىي ياشلار سارىيى ـــ موڭغۇلكۈرە تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسى ـــ ئاقياز چوڭ جىلغىسى ـــ قايتىش سەپىرى

  

سۈرەت مەنبەسى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  

ماتېرىيال سۈرەت

  G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان بەشىنچى لىنىيە: ئالتاي تېغىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ساياھىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ـــ تاراتى كەنتى ـــ قاناس مەنزىرە رايونى ـــ قۇم كەنتى ـــ ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى ـــ بۇرچىن دەريا قېشى كەچلىك بازىرى ـــ قابا ناھىيەسى ئاق قېيىن مەنزىرە رايونى ـــ قايتىش سەپىرى

  

  سۈرەت مەنبەسى: قاناس ساياھىتى

  

  ماتېرىيال سۈرەت

  G219 شىنجاڭ بۆلىكىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئالتىنچى لىنىيە: رومانتىك ئۆرپ ـ ئادەت ساياھىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ـــ چۆچەك شەھىرى ـــ باقتۇ پورتى ـــ يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسى ـــ ئاككوردىيون مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالى ـــ تارباغاتاي ماي بوياق رەسىم سارىيى ـــ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇزېي ـــ چۆچەك شەھىرى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپلەر رايونى (چيەنچۈەنخۇ) ــــ قۇلىستاي يايلىقى ـــ ئاۋبۇسېن ئېكولوگىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانى ـــ قاراقاباق يېزىسى دۇب دەرىخى باغچىسى ـــ ئاشىلى داغۇر خەلق ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسى ـــ تارباغاتاي تېغى مەنزىرە رايونى ـــ قايتىش سەپىرى

  

  

  سۈرەت مەنبەسى: ئەيزەي تارباغاتاي

داكا قىلغىلى بارامسىز؟

شىنجاڭدىن يولغا چىقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.