تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىز تيەنمۇ 1-نومۇر مېتېئورولوگىيە يۇلتۇز تۈركۈمى 03~06 سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

 

   بېيجىڭ ۋاقتى 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 17دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە كۇەيجوۋ 1-نومۇر A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تيەنمۇ 1-نومۇر مېتېئورولوگىيە يۇلتۇز تۈركۈمى 03~06 سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوشلۇققا قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى سودا مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

   بۇ قېتىمقى ۋەزىپە كۇەيجوۋ 1-نومۇر A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 19-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى ياڭ خۇڭياڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.