تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى «ياشانغاندا كۈتۈنۈش»نى «ياشانغاندا تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش»كە ئۆزگەرتتى

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى نۇرباغ نېفىت مەھەللىسىدە قاپقا توپ ئوينىماقتا.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى مەھەللىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، 2023-يىلى مەھەللە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىدىن 17 نى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى پىلانلىدى. كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئۆيى، غىزالىنىش ئۆيى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى ھەمدە 3-تەرەپ كەسپىي ئاپپارات باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، مەھەللىدىكى ياشانغانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا كەسپىي، كۆڭۈلدىكىدەك بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەھەللە ئاھالىسى ياڭزىجياڭ مەھەللىسى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە موي قەلەمدە خەت يازماقتا. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەھەللە ئاھالىسى ياڭزىجياڭ مەھەللىسى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ئۇۋۇلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى ياڭزىجياڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە چىپاۋشيۇ مەشىق قىلماقتا.  

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى خېيلۇڭجياڭ يولى مەھەللىسى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى خېيلۇڭجياڭ يولى مەھەللىسى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە شاھمات ئوينىماقتا.   

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى خېيلۇڭجياڭ يولى مەھەللىسى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.