تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوتەن ناھىيەسى: ئورمان كەكلىكىنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئىچىدە بېيىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇش

  يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسى ئەتىۋارلىق قۇش باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، بىر-بىرىدىن شوخ ئورمان كەكلىكلىرى سەكرىشىپ، ئوينىشىپ تۇراتتى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 80 مىڭدىن ئارتۇق ئورمان كەكلىكى بار بولۇپ، 2300دىن ئارتۇق دېھقان ئورمان كەكلىكى باقمىچىلىقىغا قاتناشتى. بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارغا 500 مىڭ ئورمان كەكلىكى چۈجىسى تارقىتىپ، ئورمان كەكلىكى يېتىلىپ ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن يىغىۋېلىشنى پىلانلىدى.

  لاڭرۇ يېزىسى «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە ئورمان كەكلىكى باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلاشقۇچىلار نەسىللىك ئورمان كەكلىكىنى مەركەزلىك بېقىش، خاس باقمىچىلىق كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ باقمىچىلىقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.

(ئاپتورلار: خەن لى، يۈ جىڭجىڭ)

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.