مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىخو شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى كۈيتۈن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاغ شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 2023-يىللىق مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى قارنى تازىلاپ يولنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.
ئۇلار يولدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىغاندىن باشقا، يەنە يولغا چۈشۈپ كەتكەن ئۇششاق تاشلارنى تازىلاپ، يول يۈزىنى ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قار سىزىقىغا يېتىپ بېرىش، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قار تازىلاش خىزمىتىنى تاماملاش پىلانلاندى.
2-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولى
مايتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى