تيەنجىن شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا، كېرىيە، نىيە ناھىيەلىرىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، ئەمەلىي ئىش قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىدىيەسى، تۇتقىسى، سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۈچ يىلدا، ھەر بىر كادىر شىنجاڭنى ئۆز يۇرتىدەك كۆرۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ، مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئىزاھلاپ، چىن ھېسسىياتى ئارقىلىق سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ چىن ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت «ئاساسى»نى مۇستەھكەملىدى.
شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۈچ يىل، ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۈچ يىل، ھوسۇل ئالغان ئۈچ يىل، ئۇنتۇلغۇسىز ئۈچ يىل بولدى...
سېنارىست ۋە رېژىسسور: پەرىزات ئابدۇل
ئوپېراتور: دوۋ شىڭجۈن، لى ۋېيگو
كىرىشتۈرگۈچى: يۈ لېي
بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسى: تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى
خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
نازارەتچى: فېڭ يۇڭفاڭ، ماۋ مىڭدۇڭ، شۆ جىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى