تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۇن يولىدىكى بۇ يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئۈچ ئاپتوموبىل يولى ئىككى ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئايلىنىپ ئۆتۈش لايىھىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ

  3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۇن يولى(قەشقەر يولىدىن سۇجوۋ يولىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول بۆلىكى)نىڭ شىمالدىن جەنۇپقا بولغان يۆنىلىشىدە، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، ئوتتۇرىدىكى بىر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ئايرىپ توسۇۋېتىلىدۇ.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئالتاي يولى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، بۇ يول بۆلىكى ئەسلىدىكى تاق يۆنىلىشلىك ئۈچ ئاپتوموبىل يولىدىن ئىككى ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، ئاپتوموبىللارنىڭ ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە سىپىڭ يولى، تيەنجىن يولى، چاڭشا يولىدىن ئايلىنىپ مېڭىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاڭچۇن يولى ئاۋلۇڭ مەيدانىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدە، ئالتاي يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى شيې جياپېڭ لىنىيە بويىدىكى ئاپتوموبىللارنى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشكە يېتەكلىمەكتە.

   3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىر قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، چاڭچۇن يولى ئاۋلۇڭ مەيدانى يول بۆلىكىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان يۆنىلىشىدە، ئوتتۇرىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئايرىپ توسۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ساقچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدىن تەرتىپ بويىچە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئالتاي يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ۋاڭ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشنىڭ لىنىيە بويىدىكى قاتناشقا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ماسلاشتۇرغان بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلغاندا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەنى بىر بۆلەكنى ئايرىپ توسۇپ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يەنە بىر بۆلەك قورشاپ ئايرىپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ يول بۆلىكىنىڭ كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئېقىمى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا، ساقچى تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلدە، بۇ يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىل يولى تارىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆچىرەت بولۇپ ئاستا ئۆتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. كەڭ شوپۇرلارنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈشىنى تەۋسىيە قىلغاندىن باشقا، قاتناش ساقچى تارماقلىرىمۇ لىنىيە بويىدىكى شىمالدىن جەنۇبقا بولغان يۆنىلىشتىكى چاڭچۇن يولى بىلەن خېڭدا كوچىسى كېسىشكەن يول ئېغىزى، چاڭچۇن يولى بىلەن خېڭشۈن كوچىسى كېسىشكەن يول ئېغىزى، چاڭچۇن يولى بىلەن شەرقىي جياڭسۇ يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىكى ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە سىگنال چىرىغىنىڭ تەڭشىلىش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىكەن.

   قاتناش ساقچىلىرى يەنە كەڭ شوپۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە چوقۇم تەرتىپ بويىچە ئۆچىرەت بولۇپ ئۆتۈشىنى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە  ئاپتوموبىللىرىغا يول بېرىشكە دىققەت قىلىشنى، خالىغانچە يول ئۆزگەرتمەسلىكنى، ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

(مۇخبىر پېڭ فاڭ خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى