تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋا كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. پۇتىن گىئورگى زالىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋا كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: پۇتىن گىئورگى زالىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، فەن ۋېيگو) شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋا كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي، دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

3 ـ ئايدىكى موسكۋادا ھاۋا ئوچۇق ئىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كىرېمىل سارىيىغا يېتىپ بارغاندا، كىرېمىل سارىيىنىڭ مېھمان كۈتۈش ئاتلىق ئەترىتى سەپكە تىزىلىپ تۇرۇپ قارشى ئالدى، كىرېمىل سارىيىنىڭ سىلىڭى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا كۈتۈۋالدى.

پۇتىن گىئورگى زالىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پۇتىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا گىئورگى زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن قىزىل پاياندازنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، رۇسىيە بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي لوگىكىغا ئۇيغۇن، بۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، ۋاقىتلىق بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. مەن 10 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، بىزنىڭ ئاپتوموبىل ئەترەت ئۆتكەنلىكى جايدا، نۇرغۇن رۇسىيە خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ماڭا جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. مېنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىم دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، تىنچلىق سەپىرى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ئورتاق تىرىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكلىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ئىچكى ئىشىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ئورتاق توسۇشى كېرەك. خەلقئارا ئىشلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، يەرشارىۋى يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، مەنپەئەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، خەلق قەلبىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئورتاق تونۇش يەنىمۇ كۈچەيدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلى، بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىشەنچلىك، مۇقىملىق خاراكتېرىگە ئىگە. ئىككى تەرەپ بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، بايلىق، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى سودىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسى ئاساسىنى پۇختىلاپ، دوستانە ئۆلكە ـ ئوبلاست، دوستانە شەھەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ھازىر، رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا ھەرقايسى قاتلاملار، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىنتايىن جانلاندى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى تارقىلىش قاتارلىق مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتتا، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك سودىسى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتىمۇ ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان ئالماشتۇرۇش يوللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى، چېگرا ھالقىغان قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تەنتەربىيە، ساياھەت، يەرلىك قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا يېڭى سەۋىيەگە يېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران بېيجىڭ سۆھبىتىنىڭ تارىخىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇنغا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن ـ ئاخىر خەلقئارا ئىشلاردا ئىزچىل ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئەتراپلىق بولۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يېقىندىن زىچ ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭىنىڭ 2030 ـ يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى نۇقتىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئىمزالىدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، ئاساسىي پەن تەتقىقاتى، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شۇ كۈنى كەچتە، پۇتىن كىرېمىل سارىيىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ، شۇنداقلا رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.