مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئالىي كەسپىي مائارىپ مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىپ ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملايدىكەن ھەم نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىلى يېڭىدىن تەسىس قىلىنماقچى بولغان دۆلەت تىزگىنلەيدىغان كەسىپ نۇقتىسى ئىلتىماسىدىن 328نى قوبۇل قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ساھەلەرگە مەسئۇل تارماقلار تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، 153 كەسىپ نۇقتىسىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان، 173 كەسىپ نۇقتىسىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلمىغان، ئىككى كەسپ نۇقتىسىنى نەق مەيداندا باھالاشقا توغرا كېلىدىكەن (باھالاش نەتىجىسى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىكەن، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن)، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سۇپىسى (تور ئادرېسى:http://gz.moe.gov.cn)دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان دۆلەت تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدىكەن، 2023-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق تەلەپ قىلدى: كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلار ئەنگە ئېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغان كەسىپ نۇقتىلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلانىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قوشۇپ قويسا ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلار كەسىپلەشكەن مەكتەپ باشقۇرۇشقا بولغان نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان نەتىجە بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
قوشۇمچە: 2023-يىلى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئالىي كەسپىي تېخنىكوم دۆلەت تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە