تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 21 ئورۇندا كىچىك شادلىق باغچىسى قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىدى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې، ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ لىڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ) سەيلە قىلىش، تەپكۈچ تېپىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش... ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل خاسلىقى روشەن، باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئىقتىدارى تولۇق بولغان 21 كىچىك شادلىق باغچىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 12 ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى بولغان «يېشىللىقنى كۆپەيتىپ باغچە بەرپا قىلىش ھەرىكىتى»دە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكولوگىيەلىك ئاستا ماڭىدىغان يېشىل يولدىن توققۇزى، يوللارنى كۆكەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش بويىچە 18 يول ياسىلىپ، 21 كىچىك شادلىق باغچىسى بەرپا قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، پىلان بويىچە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلقى 21 كىچىك شادلىق باغچىسى ئومۇمىي مەنزىرە قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە، باش تېما لايىھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولىدىكەن.

    شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، 21 كىچىك شادلىق باغچىسىنىڭ ئالتىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن، 15ى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىكەن. خاسلىقى روشەن، باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئىقتىدارى تولۇق بولغان بىر تۈركۈم كىچىك شادلىق باغچىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش ئارقىلىق، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ھەممە يەردە گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىغا يېقىن، ئاممىنىڭ ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە پائالىيەت قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقسىلا مەنزىرە، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلىشىپ يۇغۇرۇلغان «يېشىل بوشلۇق»قا قەدەم قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  شىمىگۇ رايونى جىنخېۋەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەتراپىدا بۇ يىل داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان بىر كىچىك شادلىق باغچىسى بار. بۇلتۇر، بۇ كىچىك شادلىق باغچىسىدا يەرگە خىش ياتقۇزۇش، چىراغ جازىسى ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنىڭ %80ى تاماملانغان. بۇ يىل ئاساسلىقى يېشىل ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت شەكىللىرىنى لايىھىلەش، بەرپا قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاھالە ۋاڭ يۈشيا ئىشىك ئالدىدىكى بۇ كىچىك شادلىق باغچىسىغا زور ئۈمىد باغلىدى، «سىرتقا چىقساقلا يېشىللىقنى كۆرەلەيمىز، ئىستىراھەت، چېنىقىشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يەنە بۇ رايوننىڭ مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللىشىدىغان بولدى» دېدى ۋاڭ يۈشيا.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئاستا ماڭىدىغان يېشىل يولدىن توققۇزنى يېڭىدىن ياساپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ ياساپ، يېشىللىقنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، خەلقچىللىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردە كىچىك شادلىق باغچىسىدىن 1321ى، كىچىك يېشىل يولدىن 144ى بولۇپ، باغچىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90.8كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇلتۇر يېڭىدىن 11 كىچىك شادلىق باغچىسى قۇرۇلغان، يېڭىدىن بىر يېشىل يول كۆپەيتىلگەن، يەتتە باغچىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئۆزگەرتىلگەن، 14 يول كۆكەرتىلگەن ۋە ئۆزگەرتىلگەن.

  «ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ يىل كىچىك شادلىق باغچىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش خىزمىتى 4-ئايدا ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ» دېدى مەسئۇل خادىم.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.