تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مۇسابىقە باشلاندى! شىنجاڭدىن 6048 نەپەر كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىسى ماھارەت سىنىشىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە باشلاندى، 6048 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى 21 كۈنلۈك مۇسابىقىدە سىنىشىدۇ.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

كۇڭ دېخۇا فوتوسى 

    «يېقىندىن بۇيان ئىزچىل بۇلۇت ھېسابلاش تۈرى بويىچە مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىۋاتىمەن، ھەر كۈنى ئون سائەتكە يېقىن مەشىق قىلىۋاتىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئىشەنچىم بار!» دېدى مۇسابىقىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش كەسپىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى جۇ چىڭفېڭ.

    بۇ يىل، مۇسابىقىدە ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى چۆرىدىلىپ، 102 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان كەسپىي چوڭ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، مۇسابىقە تۈرى ھەم ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈلدى، ھەم كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلاشتۇرۇلدى. جەمئىي 141 كەسپىي مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئومۇمىي ئادەم سانى 6048گە يېتىپ، يىللاردىن بۇيانقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4536 ئوقۇغۇچى، 1512 ئوقۇتقۇچى بار.

2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش تۈرى مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

كۇڭ دېخۇا فوتوسى

      مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش نەتىجىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆرىكى بولۇپ، كەسپىي مەكتەپلەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىغا پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنى چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش مەقسەت قىلىنغان. 2008-يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ھازىرغىچە 15 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل، مۇسابىقىدە ماھارەت مۇسابىقىسى بىلەن ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى بىرلەشتۈرۈش، شەخىسنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىشىشى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، قول بىلەن مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىش كۈچەيتىلىپ، كەسپىي روھ بىلەن ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مۇسابىقە ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇىكەن. مۇسابىقىنى شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى 27 كەسپىي مەكتەپ ئۆتكۈزگەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.