ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى شىنجاڭ تۇرپاندا ئۆرۈك چېچەكلەيدىغان مەزگىل. ھال رەڭ ۋە ئاق رەڭ چېچەكلەر بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى بىر مەيدان ئۆرۈك چېچىكى ئۇچرىشىشىغا جەلپ قىلدى.
ئېتىز قىرلىرىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئېتىزلاردىكى ھال رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك چېچەكلەر ئارىسىدا مېڭىش ئالاھىدە بىر گۈزەل ھېس قىلىش.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى 221-تۇەنى باغ-ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن ئۆرۈك، ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىق خاس باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگەرتىلدى ھەمدە باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى. تۇەن-مەيدان يەنە مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاشنى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۆز قەرەلىدە كېلىشكە جەلپ قىلدى. پۈتكۈل چېچەك سەيلىسى پەسلىدە، ساياھەتچىلەر ئۆرۈكلۈك باغلاردا سەيلە قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، قويۇق ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى ھېس قىلالايدىكەن. ساياھەتچىلەر يەنە دېھقانلارنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلىشىپ، چېچەكلىگەن مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىدا خاس دېھقان تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، باھاردىكى بىر مەيدان چېچەك سەيلىسى ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى تاللىسا بولىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى