تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تارىخ ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە «بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ياراتتۇق. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئەركىن سودا رايونى تورىنى بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. دۆلىتىمىز 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، مال سودىسى ئومۇمىي سوممىسى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. بىز خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇردۇق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى قىلىنىپ، «دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە كېڭەيمەكتە. بىر تەرەپتىن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ئىنسانىيەت ئىستىقبالىنىڭ ھامان پارلاق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، نەيرەڭۋازلىق ئىشلىتىپ تالان ـ تاراج قىلىش، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش قاتارلىق زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرى ئېغىر زىيان پەيدا قىلىپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئېغىرلىشىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. دۇنيا يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، قەيەرگە بېرىپ قەيەردە تۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تاللىشىغا باغلىق بولۇپ قالدى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى دۆلەتلەر جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالغاندىلا، ئاۋاتلىقى ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ، خەۋپسىزلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، باشتىن ـ ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

ئېچىۋېتىش ئالغا باستۇرىدۇ، بېكىنىۋېلىش مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق يەر شارىۋى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئېففېكتىنى ئاشۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەم يەر شارىۋى بازار ۋە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

ئىنسانلار جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئورتاق خىرىس ئالدىدا، پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ بىرلا چىقىش يولى بار، ھەرقانداق مۈشكۈلات ۋە ئوڭۇشسىزلىق تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر خىرىسقا تولغان دەۋر، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان دەۋر. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.