تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق بەش پۇتبولچى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللىنىپ، تارىخىي رېكورت ياراتتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ)  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، كىرودىيەدە يىغىلىپ مەشىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى يەتتە نەپەر دۆلەت ياشلار كوماندىسى پۇتبولچىسىغا «يىغىلىش سىگنالى» چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق ئۈچ نەپەر ياش پۇتبولچىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەفىردىن ئەسقەر، مۇتەللىپ، بەھرام ئابدۇۋەلى.

ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىدە ئەفىردىننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى نۆۋەتتە 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى تىزىملىكىدە شەندۇڭ لۇنېڭدىن ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا، بەھرام ئابدۇۋەلى، گۇاڭجوۋ كوماندىسىدىن ئەفىردىن ئەسقەر، شاڭخەي خەيگاڭدىن ئابلاخان خالىق تاللانغانىدى. بەھرام بىلەن ئەفىردىن ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاچقا، ئۇلار مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندىغا قايتىدىكەن.

  يېڭىلا ئاياغلاشقان U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە، مۇتەللىپنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ قېتىم دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ سانى بەشكە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

   2010-يىلى، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تۇنجى قېتىم بارى بىلەن مىرئەخمەتجان مۇزەپپەردىن ئىبارەت ئىككى شىنجاڭلىق ماھىر تاللانغانىدى. 2022-يىلى، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ 22 كىشىلىك تىزىملىكىدە، ئابدۇروسۇل ئابدۇللا، دىلھىمىت تۇردى، يېرجان شىنار قاتارلىق شىنجاڭدىن كەلگەن ئۈچ پۇتبولچى بار ئىدى.

  ئەفىردىن U20 دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقى، بۇ يىل 19 ياش. شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن بۇ يىگىت تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن U20 دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشتىن بۇرۇن، ئىزچىل چېڭ ياۋدۇڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا توپ تەپكەنىدىم، چېڭ يېتەكچىنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا رەھمەت، ئەمدى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  مۇتەللىپ بۇ يىل 18 ياش، ئوخشاشلا قەشقەردىن كەلگەن، بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پۇتبولچى. شاڭخەي خەيگاڭدىن كەلگەن ئابلاخان بۇ يىل 22 ياش بولۇپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ئەزا. 19 ياشلىق بەھرام بىلەن 22 ياشلىق ئابدۇرۇسۇل غۇلجىدىن كەلگەن، ئۇلار شەندۇڭ لۇنېڭ پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.