تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى سالىدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقىنى سېلىشنى پىلانلىغان. ھەرقايسى جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

3- ئاينىڭ 18- كۈنى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرىدىكى جۈليەنشىن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى تىراكتورلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى

  كېۋەز تېرىشقا يەنە يېرىم ئاي ۋاقىت قالدى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرىدىكى جۈليەنشىن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى بالدۇرلا ئالدىراش بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقلىرىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشىدى.

  «بىز بۇ مەزگىلدە كوپىراتىپنىڭ 700 يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئەڭ ياخشى ھالەتتە كىرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى جۈليەنشىن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى پەن تيەنيۈ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىدا يەر ئاغدۇرۇش- تۈزلەش، يەر ھەيدەپ سۆرەم سېلىش، ئوغۇتلاش، تېرىش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاسراش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە تەڭشەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماشىنىلارنى باشقا جايغا يۆتكەش ۋە رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىشقا ياخشى تەشكىللىگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 658 مىڭ 200 يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنغان، 260 مىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈلگەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى، رېمونتچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ھەم تېخنىكا خادىمىدىن 240 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەنگەن. كۆپ قىسىم جايدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مەشغۇلات بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن، رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىشتا ناھىيە ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىش ئاساس قىلىنىدىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيدۇ. تۈجۈپىلەپ تېرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇتلاش، دەل جايىدا دورا بېرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى ۋە چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا- جابدۇق تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرىدۇ ھەم كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكلىرىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ماشىنا- جابدۇقلارنى تەڭشەش، رېمونت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا- جابدۇقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىدارى بىلەن، ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كىرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.