تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلغان باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى. تۆۋەندىكى خىزمەت لايىھەسى تۈزۈلدى.

بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەنگۈشتەرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى، تەكشۈرۈش بولمىسا، سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەكشۈرۈش بولمىسا، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ توغرا تەدبىر بەلگىلەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشقا ئېرىشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت؛ پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يوليورۇقلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولغان ئامىللار كۆپەيمەكتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ۋە يولىنى تېپىپ چىقىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بوران - چاپقۇن، سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، «قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئالتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»قا جاۋاب بېرىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

ئىككىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە بولغان تونۇشنى ۋە ئۇنى ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، يېڭى قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماھىر بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مەركىزىي خىزمەت ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئاۋازىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە چىن ھېسسىيات بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئاممىدىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن توغرا تونۇشقا ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دەپ، خۇشاللىقنىمۇ، ئەندىشىنىمۇ دوكلات قىلىپ، كىتابقىلا ئېسىلىۋالماي، يۇقىرىغىلا ئېسىلىۋالماي، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن توغرا قاراپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى چارىسىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن خەتەرلىك ساھىللاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، ھازىر بىلەن ئۇزاق مەزگىلنىڭ، ماكرو بىلەن مىكرونىڭ، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىددىيەتنىڭ، ئالاھىدىلىك بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنى

پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى كەڭ كۆلەمدە رەتلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، تىنما نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر تەدبىر خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېڭى دەۋر، يېڭى ئەھۋالنى ئالدىن كۆرەر خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھىم، زور خىزمەت تۈرلىرىدە ئىز قوغلاش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەيدەكچىلىك شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىغا تەككۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىنى بېكىتىشى كېرەك. بۇ ئاساسلىقى 12 جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ساھەنىڭ خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

2. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

3. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك، دورا، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش داۋامىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

4. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

5. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈش، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

6. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە دۇچ كەلگەن خىرىس، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ۋە ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش داۋامىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

7. ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، شەھەر - يېزا، رايون تەرەققىياتىدىكى پەرق ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشتىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

8. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەر.

9. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش جەھەتتىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش داۋامىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

10. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئېغىر، زور تاساددىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكلەر، يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى ئاساسلىق ئەھۋاللار ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

11. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش، مەۋھۇملەشتۇرۇۋېتىش، سۇسلاشتۇرۇۋېتىش، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھى يېتەرلىك بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

12. شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇندا ئۇزاق مەزگىل ھەل قىلىنمىغان كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلەر.

تۆتىنچى، ئۇسۇل ۋە قەدەم - باسقۇچ

پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش ئالتە قەدەم - باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

(1) تونۇشنى ئۆستۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ساھە توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

(2) لايىھە تۈزۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تۈر تېمىسى، شەكلى، ئۇسۇلى ۋە خىزمەت تەلىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ۋاقتى، ئورنى، خادىملىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرىشى، مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار لايىھە تۈزۈشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

(3) تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى بىر تېمىغا باشلامچىلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ساھەلەر ياكى خىزمەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، زىيارەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئىختىيارىي زىيارەت قىلىش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىيلىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا، مەھەللە، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، ئاممىدىن ئەقىل سوراش، ئەمەلىيەتتىن ئەقىل سوراش كېرەك. رولنى ئۆزگەرتىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ غەم قىلىۋاتقان ئىشلىرى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئىگىلەپ، خىزمەتتىكى پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش ۋە تەكشۈرۈپ تېپىش كېرەك. تىپىك دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

(4) تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ۋە جەملەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، تولۇق دەلىللەش ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئومۇمىيلىق خاراكتېرىگە ۋە تۈزۈم خاراكتېرىگە ئىگە مەسىلىلەر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا چېتىلىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك قىيىن مەسىلە، بېسىلىپ قالغان دېلو ۋە جاھىل كېسەل قاتارلىقلارغا قارىتا، ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش، مەنبە ۋە تۈگۈننى توغرا تېپىش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، رەھبەرلىك بەنزىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چارە - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پىكىر يولى، چارىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(5) مەسىلىنى ھەل قىلىش. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئىنكاس قىلىنغان ۋە بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكىنى بىر - بىرلەپ رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ، ھەل قىلىش تەدبىرى، مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل كىشى ۋە تاماملاش مۆھلىتىنى بىر - بىرلەپ تىزىپ چىقىش كېرەك. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىغا قارىتا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش، دەرھال بېجىرىش كېرەك. ۋاقتىنچە ھەل قىلىش قىيىن بولغان، سىجىل ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىغا قارىتا نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىنمىغۇچە بوشىشىپ قالماسلىق، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(6) تەكشۈرۈپ قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاش تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش ۋە ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا قارىتا قەرەللىك قايتا ئەھۋال ئوقۇشۇشنى يولغا قويۇپ، يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

بەشىنچى، خىزمەت تەلىپى

(1) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، لايىھەنى پىلانلاش، يولغا قويۇش جەريانى، نازارەت قىلىپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى؛ بەنزىدىكى باشقا ئەزالار ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇل ساھە ۋە مەسئۇل ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

(2) خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىش. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سەپەرگە يېنىك ئاتلىنىش، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، قاتلاممۇقاتلام ھەمراھ بولماسلىق كېرەك. «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلار ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باي جايلارنى تاللاش، نامرات جايلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكرار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلىدىكى، تەشتەك مەنزىرىسى شەكلىدىكى ۋە يۈزەكى ئىش قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قىلماي، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، چوڭقۇر چۆكمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش كۆپ، تەتقىق قىلىش ئاز بولۇش، ئەھۋال كۆپ، تەھلىل قىلىش ئاز بولۇش، ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىر - تەكلىپلەر ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى ۋە پاك، تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن - ئىنتىزام بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

(3) بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، يىلتىزى يۇقىرىدا بولغان مەسىلىلەر، كۆپ رايون ياكى تارماق، ئورۇنلارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ ھەل قىلىش كېرەك. ھازىر ۋە كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى بايقاپ، خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

(4) تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش. پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىيو ئىستانسىسى، تور تارقىتىش سۇپىسى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ خىل تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.