تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانا ئىشىك ئالدىمىزغا قۇرۇلدى

    3-ئاينىڭ 16-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانا بايىنغولىن ئوبلاستى شېڭتۇڭ سۇلياۋ بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، گۈركىرىگەن ماشىنا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئىشچىلار ھەر خىل توقۇلما خالتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. 2021-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، بايىنغولىن ئوبلاستى شېڭتۇڭ سۇلياۋ بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى يەنجىگە ماكانلاشتى. بۇ شىركەت مەخسۇس سۇلياۋدىن توقۇلغان خالتا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

(ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي)

    بۇ ناھىيەنىڭ يەنجى بازىرى جىنلياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى تۇنساگۈل ئەخەت بىر يىل ئىلگىرى بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلىگەن، ھازىر ھەر ئايلىق مائاشى 5000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. شىركەت ئۆيگە يېقىن بولغاچقا، تۇنساگۈل ئەخەت ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئىشقا بېرىشتا قىيلىنىپ قالمىدى. سۈرەتتە: تۇنساگۈل ئەخەت سۇلياۋ تالا تارتىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

    «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركەت 13 مىليون يۈەنلىك زاكاز ئىمزالىدى». بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ رۇيگۇاڭ مۇنداق دېدى: يەنجى ئويمانلىقىدىكى لازا، شوخلا قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش كۆلىمى كەڭ، توقۇلما خالتىلارغا بولغان ئېھتىياج زور، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ. سۈرەتتە: ئىشچىلار توقۇلما سۇلياۋ خالتىلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.