تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بۇ يىل بىڭتۇەن 334 كىلومېتىر يېزا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ ناھىيە دەرىجىلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن 23نى قۇرىدۇ

   مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بىڭتۇەن 334 كىلومېتىر يېزا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، 1099 كىلومېتىر يېزا يولىنى رېمونت قىلىپ، 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يول تۇتاشتۇرۇلغان تۇەن-مەيداندىن ئوننى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى، يېزا-بازار تىرانسپورت مۇلازىمەت پونكىتىدىن 23نى قۇرۇپ، نوپۇس كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان يەتتە تەبىئىي كەنتكە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇشنى قوللاپ، 200 كىلومېتىر كەنت يولى بىخەتەرلىك مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىكەن. 

   بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى چەت، يىراق تۇەن-مەيدان ۋە ليەندۈيلەرنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نوپۇس كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەبىئىي كەنت، چېگرا بويىدىكى تەبىئىي كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا يول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ليەندۈيلەرگە كىرىشىگە، ئائىلىلەرگە كىرىشىگە مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ «يېزا يولى +» ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ليەندۈيلەرنىڭ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق ليەندۈي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا يولى بىلەن كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم ساياھەت يولى، بايلىق يولى، كەسىپ يولىنى بەرپا قىلىدۇ. 

   يېزا يوللىرىنىڭ «ياخشى»، «راۋان» بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىڭتۇەن قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ھەر قايسى شى، شەھەرلەرنى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يول مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ؛ «يول باشلىقى تۈزۈمى»نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوخشاش بولمىغان ئاسراش مەشغۇلات ۋەزىپىسىنى قاندۇرىدىغان پەرقلىق ئاسراش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا يوللىرىنىڭ يول ئەھۋالى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. ھازىرغا قەدەر، بىڭتۇەن يېزا يولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 28 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، شارائىتى ھازىرلانغان ليەندۈيلەر يول قاتتىقلاشتۇرۇشنى %100كە، يولۇچىلار ئاپتوبۇس قاتنىشىنى %100كە يەتكۈزدى. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چيۇڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.