تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئىلىلىق يىگىت تىلەۋقابىل شىنجاڭ مارافون يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ)  2 سائەت 12 مىنۇت 46 سېكۇنت، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، 26 ياشلىق ئىلىلىق يىگىت تىلەۋقابىل تۆلىگېن 2023-يىللىق ۋۇشى مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ مارافون يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى. ئۇ مارافون يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر ئۆلچىمىگە يەتكەن شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ قالدى، ئالدىنقىسى شىنجاڭ ئاياللار مارافون يۈگۈرۈش رېكورتىنى ساقلىغۇچى شياۋ يۆگۈي ئىدى.

تىلەۋقابىل تۆلىگېن مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارتقان سۈرەت

بۇ قېتىم ۋۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك مارافون يۈگۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇداپېشت يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارافون يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ داڭلىق ماھىرلار يىغىلغان. دۆلەت يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغاچقا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى جۇڭگو مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە بولدى.

2007-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، رېن يۈنلۇڭ 27-نۆۋەتلىك بېيجىڭ مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 2 سائەت 8 مىنۇت 15 سىكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن مەملىكەت رېكورتىنى ياراتقاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى مارافون يۈگۈرگۈچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ نەتىجىدىن ئاشالمىغانىدى.

شۇ كۈنى، جۇڭگو ماھىرلىرى خې جيې بىلەن ياڭ شاۋخۇي ھەر ئىككىلىسى مەملىكەت رېكورتنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ، 15 يىل 5 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ئەرلەر مارافون يۈگۈرۈش مەملىكەت رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى، خې جيې ياراتقان يېڭى رېكورت 2 سائەت 7 مىنۇت 30 سېكۇنت بولدى. تىلەۋقابىل گەرچە پەقەت توققۇزىنچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ شىنجاڭنىڭ مارافون يۈگۈرۈش رېكورتىنى بىر مىنۇتتىن ئارتۇق يۇقىرى كۆتۈردى.

«بۇ، شىنجاڭ ئەر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مارافون يۈگۈرۈشىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش بولدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، مەملىكەت بويىچە ئون ماھىر خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر ئۆلچىمىگە يەتتى، بۇ، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئەھۋال. بۇمۇ ئەرلەر مارافون يۈگۈرۈش ساھەسىدە رىقابەتنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىدىن، كەلگۈسى يولىمىزدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىقلەندۈرۈش 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ يۆگۈي مۇخبىرغا.

تىلەۋقابىل شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرىكى مەخسۇس تۈرى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدىكى 5000 مېتىر ۋە 10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئىدى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ مارافون يۈگۈرۈش تۈرىنى قوشۇمچە باشلىغانىدى.

2022-يىلى 7-ئايدا، تىلەۋقابىل تۆلىگېن جىمىسار تىيانشان مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 1 سائەت 7 مىنۇت 23 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چىمپيون بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دۆلەت يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ مارافون يۈگۈرۈش تۈر گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، مارافون يۈگۈرۈش بويىچە مەخسۇس مەشىق ئېلىپ باردى.

2015-يىللىق چۇڭچىڭ مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن قاسىمخان 2 سائەت 14 مىنۇت 26 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چىمپيون بولدى، ئۇ شىنجاڭ ئەر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مارافون يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلاپلا قالماي، يەنە شۇ يىلىدىكى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. قاسىمخان دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىردىنبىر شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى.

2022-يىللىق بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئىلىدىن كەلگەن ماھىر ئانۇبېك قۇۋان 2 سائەت 14 مىنۇت 34 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چىمپيون بولدى، ئۇنىڭ شىنجاڭ رېكورتىنى بۇزۇشىغا پەقەت سەككىز سېكۇنتلا كەم قالغان ئىدى.

«ئۆزىمىزنىڭ كوماندىسىدىكى ئەزانىڭ رېكورتىمنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولدۇم، چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. جۇڭگونىڭ مارافون يۈگۈرۈش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆسۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭدىنمۇ تېخىمۇ كۆپ ياش تەنھەرىكەتچىلەر مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلماقتا، ئەتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى قاسىمخان مۇخبىرغا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.