تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بېتى يولغا قويۇلدى، ئانار بۇلۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى تورغا چىقىرىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەت بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىغا 13 يىل بولغان پەيتتە، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بېتى يولغا قويۇلدى، ئانار بۇلۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى تورغا چىقىرىلدى.

2010 - يىلى 3 - ئايدا مەملىكەت بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دىققەتنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوللىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مىسلىسىز سۈرئەت، سالماق، كەڭلىك بىلەن «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»نىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، شىددەتلىك ئېقىن ئۆركەشلەپ ئاقتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بېتىنى يولغا قويۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلىنى تورغا چىقىرىش شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خەۋەرلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى سىنلىق شەكىل ئارقىلىق قىزغىن سالىمىنى يوللىدى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بېتى، ئانار بۇلۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئانار بۇلۇتتىن ئىبارەت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا سۇپىسىنى يېتەكچى قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 19 خىل گېزىت - ژۇرنال، 46 سۇپا ئېغىزىدىن تەركىب تاپقان پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سېپىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تاراتقۇلارنى توغرا يۆنىلىشتە راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى تىك يۆنىلىشتە تۇتاشتۇرۇپ، «پۈتۈن شىنجاڭدا بىر تور بولۇش»تەك تارقىتىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بېتى ۋە ئانار بۇلۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تىيانشان تورى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قانىلى، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لىنىيەسى قاتارلىق سۇپىلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ماسلىشىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خەۋەر سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ. دىققەت مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى يارقىن نۇقتىلار ياخشى خەۋەر قىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ياخشى خەۋەر قىلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق مېھرى ياخشى خەۋەر قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەشۋىقات خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.