تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى −

قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي

«مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلىش، مۇھىمى ئەمەلىي ئىشلەش، مۇھىمى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.» ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، تەشكىللىك ھالدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. ۋەكىللەر، ئەزالار بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ كادىرلار ، ئامما بىلەن بىرلىكتە قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، كاتتا يىغىندا تۈزۈلگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قابىلىيىتىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىمىزنى تاۋلاپ، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەتنى ھەر كۈنى چىڭ تۇتۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ <كېچىلىك قاراۋۇلى> بولىمىز.» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى مەشىق ۋە ئۇرۇش ئارقا سەپ كاپالىتى تارماق ئەترىتىدە بىر مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھى تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتىن - ئاخىر پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان دەقىقىلەردە خەلققە ياردەم قىلىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يۈنفېي لېكسىيەسىدە شۇنداق دېدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلانغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، لى يۈنفېي باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپتە ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، «مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» «جۇڭگودىكى ياخشى كىشى» «مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياش» قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

«باھار كەلدى، بىز مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئېرىگەن قاردىن ھاسىل بولغان كەلكۈنگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەيمىز. كۇچا پات ئارىدا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، بىز مەنزىرە رايونى، مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز، يەنە تەۋەلىك رايوندىكى نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىغا قارىتا ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرىمىز.» يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، لى يۈنفېي ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

كۇچاغا قايتقاندىن كېيىن، لى يۈنفېي «لىن جىلۇ ئوت ئۆچۈرۈش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يىغىن زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. شۇ كۈنى، بۇ شىركەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نۇربىيە سېيىتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى يەتكۈزۈپ، يىغىنغا قاتنىشىش تەسىراتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. توك تارقىتىش كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۆۋەن سەرپىياتلىق بولۇش، تۆۋەن بۇلغىمىلىق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەررەر يول بولۇپ قالدى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئېنېرگىيەدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇشقا ئىشەنچىمىز بار.» نۇربىيە سىيىتنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىش بىلەنلا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«مەن قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ تولۇق ئىشەنچ ۋە جاسارەت، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەت ۋە غەيرەت بىلەن ۋەزىپەم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى، تولۇق ئادا قىلىمەن.» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندە، نۇربىيە سىيىت بىرىنچى ۋاقىتتا گۇرۇپپىدىكى خادىملار بىلەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىدىن ھەمبەھرىلەندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ، چوڭقۇر چۆكۈپ، بولۇپمۇ تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

«ئاخىر كەلدىڭىز، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى بىزگە تېزرەك سۆزلەپ بېرىڭ...» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدىمەمەت ئوبۇل قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى بۇغۇچچى كەنتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ئورىۋالدى.

«ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۆيۈنىدۇ، بىز يەڭنى تۈرۈپ داۋاملىق غەيرەت بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك!» ئابدىمەمەت ئوبۇل ئەستايىدىل، تەپسىلىي سۆزلەۋاتاتتى.

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنى ئاچتى.

«بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ يىغىنغا قاتنىشىش تەسىراتىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلىدى.

ليۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈر بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى نىشانلىق پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرىمەن.

«بۇ يىل بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى ليۇ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.