تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كۆمۈركان، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ شىنجيې يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مىدۇڭ رايونى ئانا پونكىتىغا بېرىپ، يېقىلغۇ گاز بىلەن تەمىنلەش، سېتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كۆمۈركان، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋۇدۇڭ كۆمۈركېنى ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش (جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش) مەركىزىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش، يېشىل كان قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قۇدۇق ئېغىزى ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ شىنجاڭ شىنجيې يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مىدۇڭ رايونى ئانا پونكىتىغا بېرىپ، ئالاقىدار مەسئۇللار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېقىلغۇ گاز بىلەن تەمىنلەش، سېتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ماشىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر. كارخانىلار بىخەتەرلىك بىرىنچى دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، قېلىپلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ياخشى ئۈنۈم ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، كارخانىلارنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماسلىقتەك كۈلپەت ئېڭى، ئېھتىياتچان ئىش قىلىشتەك يۈكسەك سەزگۈرلۈك بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆمۈركان، كۆمۈركاندىن باشقا كانلار، يېقىلغۇ گاز، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئوت مۇداپىئەسى، قاتناش - تىرانسپورت، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخ ھالىتىدىكى، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، قەتئىي بوشاشماي يوچۇقلارنى ئېتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا، كەسپىي ئىختىساسلىقلار، تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەش ۋە خىزمەت كۈچلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى «كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش» «رەسمىيەتچىلىك قىلىش» قاتارلىق خاھىشلارنى توسۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ پائال نەتىجە يارىتىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.