تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، نۇرېشېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 9 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھازىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان جاي ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم ئوبيېكت، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قويۇق، ئاساسى مۇستەھكەم، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات سۇپىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ۋە تاشقى سېلىنمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قورغاس، ئالاتاۋ قاتارلىق پورتلارنىڭ ۋە چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دوستانە شەھەرلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت، ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نۇرېشېف مۇنداق بىلدۈردى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا چىقىرىلغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. ھازىر، قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، قازاقىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارزۇسى ناھايىتى ئېنىق. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سودىسى ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىقى مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۇرېشېف قازاقىستان - جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سودىلىشىش يېشىل يولى قۇرۇلۇشى، تۆمۈريول پورتى تىرانسپورتىنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.