تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 1 - پەسىللىك مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى

ما شىڭرۇي ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، خەلق تۇرمۇشى، كەسىپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىش باشلاپ، 1 - پەسىلدە ئىقتىسادتا «تۇنجى ئىشنى ياخشى باشلاش»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن تاماملاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تۈرلەردە ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىلىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى ھەم 2023 - يىللىق مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 2023 - يىلى ئاپتونوم رايون 400 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ. مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 8437نى يولغا قويىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - پەسىلدە 3891 تۈردە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 70 بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى، بۇ تۈرلەرگە چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما 289 مىليارد يۈەن.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىش باشلىغان كارخانىلار ۋەكىللىرى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، قاتتىق ئىشلەش، تېز ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئاشۇرۇلما تۈرلەرنى زورايتىپ، ساقلانما تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسىي موتور»ىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پىلانلاشنى تۇتۇپ دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى تۇتۇپ ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان، ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەدەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، چوڭ كارخانىلار، ياخشى تۈرلەرنى تۇتۇپ قېلىش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىكنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە تېزدىن ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك تېزلىتىشنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.