تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

چەت ئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تېلېگرامما ۋە خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزغا بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئوخشاش تەرەققىيات نىشانى ۋە كەڭ ئورتاق مەنپەئىتى بار، ئىككى دۆلەت زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇردى. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە يولداشلارچە مۇناسىۋەت ئاساسىدا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەت ئورنىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. بۈگۈنكى دۇنيا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. مېنىڭ گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشقان، يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كەڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قايتا باشلىنىشىنى ھەم ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. مەن داۋاملىق تۈردە سىز بىلەن چوڭقۇر ئالاقىنى ساقلاپ، ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، گوللاندىيە - جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ رولچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ زىممىڭىزدىكى مەسئۇلىيەت ئىنتايىن مۇھىم، زور. سىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەيىڭىز نۇرغۇن كىشىنى ئىلھاملاندۇردى. سىزنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىڭىزغا قەتئىي ئىشىنىمەن. مالايسىيا - جۇڭگو باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىپ، تەقدىرداش بولۇپ كەلدى. مالايسىيا باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: كونگو - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كونگو - جۇڭگو دوستلۇق - ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

بوتسىۋانا زۇڭتۇڭى ماسىسى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىز جۇڭگونى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدىڭىز. سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلىنىشىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزغا مۇتلەق ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بوتسىۋانا بىلەن جۇڭگو ئورتاق يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئىگە، بوتسىۋانا تەرەپ ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى مۇنداق بىلدۈردى: سۇرىنام تەرەپ باشتىن - ئاخىر سۇرىنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈرلۈك مۇھىم تەشەببۇسلىرىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى ئالقىشلايدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلەردىن يەنە: بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېۋ، سىلوۋېنىيە زۇڭتۇڭى مۇسار، مولدوۋا زۇڭتۇڭى ساندۇ، يامايكا باش ۋالىيسى ئاللىن، قاتار باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد، رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سلۇتسكىي، قىرغىزىستان كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ماسالىيېۋ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.