تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىدىغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقايلى»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، ۋاڭ بىن

3 - ئايدىكى بېيجىڭدا بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، گۈللەپ راۋاجلىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيى فاڭخۇايۈەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ جايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، يەرشارىدىكى 150 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن «بۇلۇت»تا بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم مۇھىم، زور ئاساسىي مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى. يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

سائەت 20لەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ روھلۇق ھالدا يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» − بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇرنى يەتكۈزدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

راستچىل، سەمىمىي سۆز، جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئالاقە تورى ئارقىلىق تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش قوزغىدى −

«خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ پۇختا ئاساس، ئەڭ مۇستەھكەم كۈچ. زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئادەمنىڭ ئەركىن ھەم ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»؛

«زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ <پاتېنت بۇيۇمى> ئەمەس، ياكى ئۇ ياكى بۇ دەيدىغان <يەككە تاللاش سوئالى>مۇ ئەمەس»؛

«ھەرقانداق دۆلەت زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلىشتە، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق نەپ ئېلىش يولىدا مېڭىشى كېرەك»؛

«زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ»؛

...

زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. تارىخ تۇمانلىرىغا قايتا نەزەر سالساق، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش، تالان - تاراج قىلىشقا ئەگىشىپ ئاۋۋال زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىغا قەدەم قويغاندا، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، «زامانىۋىلاشتۇرۇش = غەربلەشتۈرۈش» دەيدىغان خام خىيال بىرمەھەل پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغانىدى.

ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنى قىممەتلىك تەجرىبە، ئىلھام، يېپيېڭى يول تاللىشى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

بۇ قېتىمقى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ سانى دەسلەپ تەكلىپ قىلىنغان ئادەم سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ دېگەنگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.

ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىدىكى دوستلار ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى جانلىق، چوڭقۇر ئىزاھلاپ بەردى −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يولىمىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇقەررەر يول»؛

«جۇڭگونىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە جۇڭگو ئىجادىيىتى بىلەن تەمىنلەيمىز، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك جۇڭگو بازىرى ۋە جۇڭگو ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەيمىز»؛

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇستەملىكە قىلىش، تالان - تاراج قىلىشتەك كونا يولدا ماڭمايدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدىغان ئەگرى يولدا ماڭمايدۇ، ماڭىدىغىنى تىنچلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يول»؛

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتىدۇ»؛

...

فاڭخۇايۈەندىكى چوڭ ئېكراندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يىغىن مەيدانلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. ئاسىيا، ئافرىقىدىن ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيەگىچە... ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم ۋەكىللىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، بەزىلىرى ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى، بەزىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تارىخ ئېقىنى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئىنتىلىش تارىخى يەنە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى داۋامىدا كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىش تارىخىدۇر. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان يىللاردا، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مەدەنىيلىككە ئېتىقاد قىلىش، مەدەنىيلىكنى قەدىرلەش، مەدەنىيلىكتە چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە كەڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە يۈزلىنىپ، تەنتەنىلىك ھالدا يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى −

«بىز دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك»؛

«بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك»؛

«بىز مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك»؛

«بىز خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك».

بۇ، دۇنياغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، مەدەنىيەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان يەنە بىر جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلىشتىن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزى تەشەببۇس قىلىشقىچە؛ زىيارەتكە چىقىش مەزگىلىدە «ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى بەش قىتئەنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىش»تىن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا «مەنىۋى كۈچكە تايىنىپ سەمىمىي، دۇرۇس بولۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەننى تەكىتلەشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قول سېلىپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈشى، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈشى، مەدەنىيلىكتە سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى ئورتاق گۈللەندۈردى.

ئاڭلاڭلار، بۇ، دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەر قايتۇرغان ئىنكاس −

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمدىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز، بىز جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە تەقەززامىز.» ئافرىقىدا، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا سۆز قىلىپ شۇنداق دېدى.

«ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.» لاتىن ئامېرىكىسىدا، ۋېنېزۇئېلا بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىزم پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ مادۇرو شۇنداق دېدى.

«دۇنيا مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يىراقنى كۆرەرلىك ئۈستىدە ئاجايىپ جاسارەت بىلەن ئىزدىنىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق، سىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم.» ياۋروپادا، سېربىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ شۇنداق بىلدۈردى.

«ئىنسانىيەت نۇرغۇن سىناققا دۇچ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق خەلقئارا رايون تىنچلىقى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، موڭغۇلىيە تەرەپ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.» ئاسىيادا، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، موڭغۇلىيە دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئويۈن ئېردىنى شۇنداق دېدى.

...

ھەربىر تەبرىكلەش، ھەربىر تەرىپلەش، ھەربىر ئارزۇ ئارقىلىق يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كەڭ قورساقلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلدى.

ئون مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق. تەقدىرداش بولۇش، داغدام يولدا تەڭ ئىلگىرىلەش.

تارىخىي خاتىرە ھېلىھەم يادىمىزدا − 10 يىل بۇرۇنقى 2013 - يىلى 3 - ئايدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە، دۇنياغا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئىزاھلاپ بەرگەنىدى.

دەۋر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا − دۇنيا يېڭى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، رىيال يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىستىقبالى ھامان پارلاق بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، خاسلىققا ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان دەۋر دولقۇنى قىلىپ مۇجەسسەملەپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا توختىماي دولقۇنلاپ ئىلگىرىلەش، مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ!» قەتئىي ۋە جاراڭلىق سۆزلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

فاڭخۇايۈەن سىرتىدا، يۇلتۇزلار ئاسماننى قاپلاپ، غۇيۇلداپ باھار شامىلى چىقىپ تۇراتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.