تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى

قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، نەيىم ياسىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئالاقىدار روھنى يەتكۈزدى؛ نەيىم ياسىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئىرادىسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيە ئۈچۈن زور بەخت، دۆلەت ئۈچۈن زور بەخت، ئارمىيە ئۈچۈن زور بەخت، خەلق ئۈچۈن زور بەخت بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى مەردانە قەدەم تاشلاپ، يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆزلەشتۈرۈشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش باش ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە يولىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا توغرا يېتەكلەش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇلنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەشۋىقات، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ تارقىلىشى، ھەممە ئائىلىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1 -، 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ھەقىقىي توغرا تېپىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ئورۇنلۇق، پايدىلىق، رىتىملىق ياخشى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق تەرەپلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەقىقىي ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كان مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەت - دىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى دائىملىق تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن بىرقىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.