پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئويۇن قويۇش بازىرىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى «چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، جايلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇنلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەستىقلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قارار قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا ھەرقايسى جايلاردىن تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تىن كېيىنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئويۇن قويۇش بازىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ساۋ يەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى