تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ! قەشقەر شەھىرى يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، يېڭىدىن 3842 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە 2023-يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلدى. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تور بېكىتىدە «2023-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئولتۇراق رايونلارنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، 151 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تاماملىنىدۇ. 4000 يۈرۈش شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىدۇ. ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتى ياخشىلىنىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرى (1-قارار)، قەشقەر ۋوگزالى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى (1-قارار)، قەشقەر شەھىرى جۇڭشىيا ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشى تۈرى، قەشقەر شەھىرى شەھەر يولى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى، قەشقەر شەھەرلىك ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش قۇرۇلۇش تۈرى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ توكلىغۇچ قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ، قەشقەر شەھىرىدە يېڭىدىن 3842 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، توك قاچىلاش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» بەرپا قىلىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ،667 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.