تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن گۇيدۇڭ: ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئاپتوموبىل تىپىنى كۆپەيتىپ تەمىنلەيمىز

    ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىللىق 8000 ئاپتوموبىل نىشان-ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 

   2023-يىلى، ئۈرۈمچىنىڭ «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يىلى». ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ پايدىسىدا، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 2023-يىلى نۇسخىسىدىكى GS4 ئاپتوموبىل تىپىنى ئىشلەپچىقارغاندىن سىرت، بۇ يىل يەنە كۆپ نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى، مەسىلەن: يىڭباۋ، يىڭكۇ، يىڭسۇ، M6 ،M8 ،GS8 قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال توپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ھەم «بىر پورت، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى پائال كېڭەيتىدۇ. 

    «ئۈرۈمچىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىزگە كۈچ قوشتى». گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن گۇيدۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز 2017-يىلى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا ماكانلاشتى، دەسلەپتە تۈرلۈك ماكانلىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتىن زاۋۇت قۇرۇشقىچە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقىچە، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەممىسى زور ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، مەسىلەن، سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، يول ياساش، كۆكەرتىش قاتارلىقلاردا كارخانىمىزنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىنى ھەل قىلدى. 

    «بىز يېڭىلا زاۋۇت قۇرۇشقا كەلگەندە، ئەتراپ تېخى قاقاسلىق ئىدى، ھازىر كۆپلىگەن چوڭ كارخانىلار كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، تىجارەت-سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلانغاچقا، بۇ تۇپراقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشتى.» يەن گۇيدۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم ئىشلىتىش، بازارنى كېڭەيتىش ۋە يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىمۇ يېڭى ئېھتىياج بارلىققا كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، كارخانىمىز ئۈچۈن تەكلىپ قىلىش سۇپىسى، يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ بەردى ھەمدە ئېھتىياجلىق يانداش كارخانىلارنى كىرگۈزدى. ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يەنە مۇلازىمەت مەخسۇس خادىملىرىنى كارخانىلارغا تەقسىملەپ ئەۋەتىپ، «نۆل ئارىلىق»تا كارخانىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. 

    بۇ يىل، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئاپتوموبىل تىپىنى كۆپەيتىپ تەمىنلەپ ھەم كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىشنى، تولۇقلاشنى پىلانلىدى. 

     «ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى خۇددى شەبنەمگە ئوخشاش، كارخانىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.» يەن گۇيدۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، كارخانىمىزنىڭ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۈرۈمچىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچى بار.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.