تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاتۇش: بۇ يىل ئەتىيازدا 1 مىليون 100 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىشنى پىلانلىدى

      3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما گۈرجەكتە ئورەك كولاپ، كۆچەت غولىنى يۆلەپ، توپا تىندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشتى. ئاتۇش شەھىرى قانات يايدۇرغان كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازدا، ئاتۇش شەھىرى 14 كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا 11 مىڭ مو يەرگە 1 مىليون 100 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىشنى پىلانلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.