ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»ىنى ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 12 ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش قولايلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يولدىن 26سى تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئۈچ قاتناش توسۇق نۇقتىسى ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركىزىي شەھەر رايونىدا يېڭىدىن 2000 تەكشىلىك ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىدۇ، ئۈچ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ، «كۈندۈزى توختىتىش مەنئى قىلىنىدىغان، كېچىسى توختىتىش ھەقسىز» خەلققە قولايلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1000ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، كونا ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. شارائىت ھازىرلىغان مەكتەپ، يېمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرى مەركەزلەشكەن رايون قاتارلىقلارنىڭ ئەتراپىدا خەلققە قولايلىق چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ. 50 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزا تاشيولىدا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. يېڭىدىن 2100 ئاممىۋى توك قاچىلاش ئەسلىھەسى كۆپەيتىلىدۇ.